ياپونىيە قەلەمكەشلەر كۇلۇبى ئىلھام توختىنى پەخرىي ئەزالىققا قوبۇل قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.01.05
turmemet-hashim-ilham-toxti.jpg ياپونىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى تۇرمەمەت ھاشىم خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىلھام توختى ۋە خاداغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ سوز قىلماقتا. 2014-يىلى 9-نويابىر، توكيو.
RFA/Qutluq

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ياپونىيە قەلەمكەشلەر كۇلۇبى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى پەخرىي ئەزالىققا قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ياپونىيە قەلەمكەشلەر كۇلۇبى ئۆتكەن يىلى 15-يانۋاردا ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان شۇنداقلا ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ تۈرمە ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ياپونىيە قەلەمكەشلىرى مەزكۇر كۇلۇبنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن بالدۇرراق ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن بۇلتۇردىن باشلاپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.