رابىيە قادىر خانىم: خىتاي ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك!!!
2014.01.16
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ ساھىبى، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۈزلۈكسىز ھالدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ۋە چەتئەل تور بەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ كېلىۋاتقان شۇنداقلا بۇ سەۋەب بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى ئەپەندى 15-يانۋار ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى. 16-يانۋار چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەن خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، ئىلھام توختىنىڭ قانۇننى بۇزۇش گۇناھى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر ئىلھام توختىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىدىن ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 16-يانۋار مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىشىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى، ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا پاراكەندىچىلىك سالماسلىققا چاقىردى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 16-يانۋار بۇ ھەقتە ئىستانسىمىزدا رادىئو باياناتى بېرىپ، خىتاينى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش زىيالىيلىرىنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ، ئىلھام توختىنىڭ تۇتۇلغانلىقى خەۋىرىنى ئالغاندىن باشلاپ 15 ۋە 16-يانۋار مۇزاكىرە ۋە تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ خەلقئارا مىقياسىدا مەتبۇئات، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
-ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا، خىتاينىڭ قانۇنىي دائىرىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ، ئورۇنلۇق پىكىر-تەكلىپلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋە خىتاينىڭ تىنچلىقى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان، چەتئەلدىكى ھەر قانداق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ چەك چېگرا ئايرىپ، ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن، بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن تىنچ يولدا قانۇنلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىدى.
بىز (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى) ئىلگىرى، خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بىز بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام توختىغا ئوخشاش قانۇنلۇق يول بىلەن توغرا پىكىر تەكلىپ بېرىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سېلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ دەپ ئۈمىد قىلغان ئىدۇق، ھالبۇكى، خىتاي ئۆزىنىڭ نىقابىنى ئېچىپ تاشلىدى، دېمەك خىتاي ئەمدى دۆلەت ئىچىدىكى ئىلھامنىڭ يولىنى تۇتۇۋاتقان بارلىق زىيالىيلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلىپ، قەتئىي قاتتىق قوللۇق بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى شىددەت بىلەن باستۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، بۇنى بىز، ئۇيغۇر خەلقىگە، دۇنيادىكى بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن داۋا قىلىۋاتقانلارغا، دۇنيادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا «نېمىنى خالىساق شۇنى قىلىمىز، بىز ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ تۈگىتىمىز» دېگەن سىگنالىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايمىز، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، يېقىنقى كۈنلەردە خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى» ھەققىدە ئاشكارا ۋە مەخپىي ئاچقان يىغىنلىرى ھەمدە بەلگىلىگەن سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى:
-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلتۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئىلھامنىڭ بالىلىرى ۋە ئانىسىغا ئازار بېرىپ، ئۆزىنى قوپاللىق بىلەن تۇتۇپ كېتىشىگە بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز، خىتاي ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك !ئىلھام توختىغا دۆلىتى ئىچىدە تىنچلىق ئورنىتىدىغان زىيالىي سۈپىتىدە ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ۋە ئىلھام توختىدەك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك، خىتاي، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش زىيالىيلارنى تۇتۇش بىلەن ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئۆزى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بارلىق چەتئەللەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-ئىلھام توختىلا ئەمەس،باشقا ئۇيغۇرلارمۇ تۇتقۇن قىلىندى، خىتاي زىيالىيلىرىنىمۇ قولغا ئېلىۋاتىدۇ، يېقىندىلا ئۇيغۇر تىلىدا مەكتەپ قۇرىمەن دەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن زىيالىي ئابدۇۋەلى ئايۇپنى تۇتتى، خىتاي ئاشۇنداق گۇناھنى ئارتىپ قانۇنسىز قولغا ئېلىۋاتىدۇ، چۈنكى ھازىر ئىلھام توختى ئۆزى ئادۋوكات تۇتالمايدۇ، ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ، خىتاي ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان گۇناھنى ئارتالايدۇ، شۇڭا بەك ئەندىشە قىلىۋاتىمەن، ئىلھامنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.
رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ يەنە بىر جىددىي يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، ياۋروپا بىرلىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 16-يانۋار ئۆز تور بېتىدە ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا بايانات ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تور بەت خىتاي تەرەپنىڭ خاكىر ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كاشىلا چىققان، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس باياناتىنى باشقا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىن كۆرۈش مۇمكىن.