جەۋھەر ئىلھام: «دېموكراتىك ئەللەرنىڭ دادام ئىلھام توختىنى ۋە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن!»
2019.01.16

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇندىن 5 يىل ئىلگىرى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «مىللىي قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش چاقىرىقى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ئىلھام ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى تۇتقۇن قىلىنغان 5 يىلدىن بۇيان ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتتى.
2012-يىلى 2-ئايدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان جەۋھەر بۇ يىل 5-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ دادىسى ئىلھام توختى ھېلىھەم خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئىككى ئۇكىسى بىلەن ئۆگەي ئاپىسى گۈزەلنۇرنىڭ كىملىكى ۋە پاسپورتى يوق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جەۋھەرنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوقۇش ھاياتىدىن خەۋەرسىز ئىكەن، ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغىمۇ كېلىپ قاتنىشالمايدىكەن.
دادىسى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن نورمال ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارغانسېرى تەسلەشكەنلىكىنى بايان قىلغان جەۋھەر كېيىنكى يىللاردا ئۆگەي ئاپىسى گۈزەلنۇر ۋە ئىككى ئۇكىسىنىڭ ئەھۋالىنى پەقەت بېيجىڭدىكى تونۇشلىرى ئارقىلىقلا ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن دادىسىنىڭ يۇرتى ئاتۇشتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
جەۋھەر يەنە دادىسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغان 5 يىلدىن بۇيان ئۆگەي ئاپىسى گۈزەلنۇر ۋە ئىككى ئۇكىسىنىڭ دادىسىنى يوقلاش پۇرسىتىگە پەقەت بىرلا قېتىم ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ، ئۇلار 2016-يىلى يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىدىكى 1-تۈرمىگە بېرىپ دادىسىنى يوقلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىل ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنى قايتا يوقلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.
ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى چەكلەنگەن ئىدى. ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى بىلىش ئۈچۈن بىز بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى خۇ جيا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
خۇ جىيا ئەپەندى يېڭى يىل ھارپىسىدا ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنى يوقلاپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، يەنى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى مەن ئىلھام توختىنىڭ بالىلىرىنى يوقلاپ باردىم. ئۇنىڭ بالىلىرى دادىسى بار چاغدىكىدىن 5 ياش چوڭىيىپتۇ. بۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن چوڭ ئوغلىنىڭمۇ بويى 170 سانتىمېتىرغا يېتىپتۇ. كىچىك ئوغلىمۇ ئوماق چوڭ بولۇۋېتىپتۇ. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى ئىككى بالا 3 يىلدىن بۇيان دادىسىنى كۆرەلمىدى. چۈنكى 3 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ۋە بالىلار دادىسىنى يوقلاپ تۈرمىگە بارالمىدى. بۇ ئائىلىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرىمۇ گۈزەلنۇرغا ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىكەن. ئۇلار تېلېفوندا جىددىيلەشكەن ھالدا: ‹شىنجاڭ ۋەزىيىتى جىددىي، سىلەر كەلمەڭلار› دېگەننىلا تەكىتلەپتۇ. گۈزەلنۇر ھازىر بېيجىڭدا يېگانە ھالدا ئىككى بالىسىنى تەسلىكتە بېقىۋاتىدۇ. 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان گۈزەلنۇرنىڭ كۆزلىرى ئەتراپىغا چوڭقۇر قورۇقلار چۈشۈپتۇ. بۇلارنى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇچرىغان ئېغىر بېسىملىرى سەۋەبىدىن بولدى دەپ قارايمەن.»
ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋاردا قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلىش، ئىمزا توپلاش ۋە ئۇنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا تەۋسىيە قىلىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 5 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ئەركىن تىبەت، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە تېخىچە قاماقتا تۇرۇۋاتقان سانسىزلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 5 يىلدىن بۇيان دادىسى ئىلھام توختىنى قوللاپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنىمۇ تەكىتلىدى. ئۇ ئىنگلىز تىلىدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«‹تەربىيەلەش مەركىزى› دىكى ئىشلار پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن بۇيان ھازىر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ ئىشلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ دەپ ئويلايمەن. دادامنىڭ ئىشىمۇ شۇنداق بولدى. دادامنىڭ ئەھۋالىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، يەنە بارچە ئاۋام خەلقنىڭمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىياسىيغا، ئىنسان ھەقلىرىگە، ئەركىنلىككە ۋە باشقا شەيئىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشلارغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ يالغۇز مېنى ۋە دادامنىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان دەرد-ئەلەمدىن يۈرەكلىرى پۇچىلىنىۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمەن.»
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.