ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى مەسىلىسى «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» تەرىپىدىن شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلدى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى 15-يانۋار كۈنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلغان خەۋىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» شىۋېتسىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسىنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ فېۋرال ئېيىدا مۇنازىرىگە قويۇلىدىغان تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ كۈن تەرتىپىگە سۇندى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2013- يىلى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدىكى ماتېرىياللارمۇ شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى » تەرىپىدىن 2014-يىلنىڭ بېشىدا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى، تاشقى ئىشلار ئىدارىسى، شىۋېتسىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ پارتىيىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇنۇلغان ئىدى.

بىز يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.