ئىلھام توختى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى ساقچىلارنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى
2014.02.24
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەمما ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە دائىرىلەر يەنىلا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
24-فېۋرال كۈنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 40 كۈن تولغان كۈن. گەرچە دائىرىلەر ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام ئەپەندى بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان 3 ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ساقچىلارنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن ساقچىلارنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى نۆۋەتتە بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئەمما ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان ھەم ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا ئىلھام توختى بىلەن بىر كۈندە تۇتقۇن قىلىنغان بەش نەپەر ئوقۇغۇچىدىن ئابدۇقېيۇم، شۆھرەت، پەرھات قاتارلىق ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى بالىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان. ئۇقتۇرۇشتا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 15-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىلا دېيىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەن.
24-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئېرى ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە يەنىلا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش ئەۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئادۋوكات لى فاڭتىڭ ئارقىلىق ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سۈرۈشتۈرۈش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گۈزەلنۇر خانىم بايانىدا يەنە، ئىلھام توختى ئەپەندى ئىشلەۋاتقان بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭمۇ نۆۋەتتە ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەكتەپ دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى. ئۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۆزى قۇرغان ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ھەقىقىي ھالدا ئەمەلىيلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.