ئۇيغۇر زىيالىيلار خىتاينىڭ ئىلھام توختى ھەققىدە چىقارغان ئەيىبنامىسىگە ئىنكاس بىلدۈردى
2014.03.06
خىتاي دائىرىلىرى 20-فېۋرال كۈنى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى رەسمىي ئۇقتۇردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى. ئۇ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى شۆبىسى باش تەشكىلاتنىڭ ئىلھام توختى توغرىسىدىكى قارارىنى ئۇلاپ تارقىتىش بىلەن بىرگە، شىۋېتسىيەدىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىۋېتسىيەدىكى ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەت خادىملىرى، ھەر قايسى پارتىيىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى قولغا ئالغان ئۇقتۇرۇشىدىن خەۋەردار قىلدى.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.
شىۋېتسىيەدىكى مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىمنىڭ خانىمى بەختىنىسا ئابدۇرەھىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنى «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زىيالىيلاردىن گۈلباھار خانىم ئۆز بايانلىرىنى ئىپادىلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى،پۈتۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئىلھام توختىدەك ھەق-ھوقۇقىمىزنى قوغداشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.