ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ئىسمائىل گاسپىرالى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارغا تاپشۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.07.27
Hamutxan-Kokturk-yawuz.jpg تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۇنگور ياۋۇز ئارسلان(سولدا) ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى « ئىسمائىل گاسپىرالى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» مۇكاپاتىنى ئۇيغۇرلارغا تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا. 2016-يىلى 24-ئىيۇل، ئىستانبۇل.
RFA

2014-يىلى ب د ت مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىسمائىل گاسپىرالى يىلى» ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئىسمائىل گاسپىرالى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ۋە ژۇرنالىستلار مۇكاپاتى» نىڭ تۇنجى مۇكاپاتى، خىتاي تۈرمىسىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەرنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ مەزكۇر مۇكاپاتنى ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى خادىمى گۇنگور ياۋۇز ئارسلان ئەپەندى 24-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى قاتارلىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، مۇكاپاتنى ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان.

2014-يىلى 1-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ بارتىن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسمائىل گاسپىرالى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ نامى مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى چاغدا مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختى ئەپەندىگە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان «تۈركچە سۆزلەيدىغان ئەللەر ژۇرنالىستلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى گۈنگۆر ياۋۇز ئارسلان ئەپەندىنىڭ 24-ئىيۇل كۈنى مەزكۇر مۇكاپاتنى ئۇيغۇرلارغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر ئىلھامغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى، تاتار خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ئىسمائىل گاسپىرالىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «ئىسمائىل گاسپىرالى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ، ئۆز قەلىمى ۋە تىلىغا تايىنىپ تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلىشىنىڭ مۇھىم قوللاش ئەھىميىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا يەنى 2014-يىلى بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان تۈركچە سۆزلىشىدىغان ئەللەر خەلقئارالىق ژۇرنالىستلار بىرلىكى ئىلھام توختىغا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەزكۇر ژۇرنالىستلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى گۆنگۈر ياۋۇز ئارسلان ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا مۇكاپات بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى گۆنگۈر ياۋۇز ئارسلانبەينىڭ خىتاي ئەلچىخانا خادىمىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ،«بىزنىڭ جەمئىيەت تۈركىيە قانۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلغان قانۇنلۇق بىر جەمئىيەت، بىزنىڭ ھېچقانداق بىر قانۇنسىزلىق ئىشىمىز يوق، تۈركىيە بىر قانۇن دۆلىتى، سىز ئەگەر بۇ توغرىدا سۆزلەشمەكچى بولسىڭىز، سىز كۆرۈشىدىغان ئورۇن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سىز مەن بىلەن ئەمەس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن سۆزلىشىڭ،» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھامۇتخان ئەپەندى يەنە 24-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى گۆنگۈر ياۋۇز ئارسلانبەينىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ئىسمائىل گاسپىرالى ئەركىنلىك مۇكاپاتى»نى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن چاغدا دېگەن سۆزلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغان گۆنگۈر ياۋۇز ئارسلانبەينىڭ بۇندىن يۈز يىللار ئىلگىرى تاتار خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىسمائىل گاسپىرالى نامىدا تەسىس قىلىنغان تۇنجى مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىلھام توختىغا بېرىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا 24-ئىيۇل ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرغا مەزكۇر مۇكاپاتنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر ئىلھامغا تاپشۇرۇپ بېرىش ھاۋالە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، 2014-يىلى 9-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىغا «تۈرك دۇنياسى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ھاياجانغا سالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بېيجىڭدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم «ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ مۇراسىمغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەرنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام تۈرمىدە پۇت-قولىغا كىشەن سېلىنىپ قاتتىق ئازاب تارتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئۇنىڭ دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن بولۇپمۇ تۈرك خەلقى تەرىپىدىن قەدىرلىنىشى مېنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.