ئىلھام توختىنى قوللىغان خىتاي ئاكتىپلىرى تەھدىتكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.09.22
ilham-toxti-sot-meydan-qamal.jpg ئىلھام توختى ئەپەندىنى سوتلاش كۈنى سوت مەيدانىنىڭ ئەتراپى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغان. 2014-يىلى 17-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
AFP

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنىڭ، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىي نىزاملىرىغىمۇ ئەمەل قىلمىغانلىقى تۋىتېر قاتارلىق ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە مۇنازىرە قوزغىغاندىن كېيىن، بۇ مۇنازىرىلەردە ئىلھام توختىنى قوللاپ، ھۆكۈمەتنى تەنقىدلىگەن خىتاي زىيالىيلىرى ھەر خىل تەھدىتلەرگە ئۇچرىغان.

ئىلھام ئەپەندىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرىدىن، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خۇ جيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغاندىن باشقا، يەنە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلۈم تەھدىتىگىمۇ ئۇچرىغان.

ئۈرۈمچى سوت دائىرىلىرى 17-، 18 -سېنتەبىر كۈنلىرى خىتايدا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدە 1-قېتىملىق سوتنى ئاچقاندىن كېيىن، ئىلھام توختىنىڭ كېيىنكى سوتىنىڭ 23-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن ئېچىلغان 1-قېتىملىق سوت ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بايانات بەرگەن ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن ئاچقان سوتىنىڭ، خەلقئارا قانۇنىي-نىزامنلارغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا خىتايدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي نىزام ۋە تەرتىپلەرگىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ۋە ئۇنىڭ تۈرمە دائىرىلىرى تەرىپىدىن پۇتىغا كىشەن سېلىنىپ قانۇنسىز جازالاشقا ئۇچرىغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە خىتايدىكى ئاممىۋى ئالاقە تورلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

ئىلھام توختى دېلوسى ھەققىدە نارازىلىق پىكرىنى ئىپادىلىگەن خىتاي زىيالىيلىرىدىن، ئىلھام توختى دېلوسىدىكى ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن، بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خۇ جيا،تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر قاتارلىقلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەھدىتكە ئۇچرىغان.

بېيجىڭدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىشىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. خۇ جيا ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا،ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنى ۋە تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ پۇتىغا كىشەن سېلىپ ئۇنى قانۇنسىز جازالىشىنى ئەڭ قاتتىق تەنقىدلىگۈچىلەرنىڭ بىرى.

خۇ جيا ئەپەندىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام ئەپەندىنىڭ سوتى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ 24 سائەت نەزەربەند قىلغان، ئۇ يەنە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

ئۆزىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ ھەر خىل تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن خۇ جيا ئەپەندى، بۇ خىل تەھدىتلەرنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆزىنى ئاشكارىلىمىغان نامەلۇم كىشىلەر 7-ئايدىن بۇيان ماڭا ئۈزلۈكسىز تەھدىت سالماقتا. بېيجىڭ ساقچىلىرى ماڭا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىيالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما مەن بۇ تەھدىتلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغانلىقىم ۋە ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، تۋىتېر قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئىلھام ئەپەندىنى قويۇپ بېرىش تەشەببۇسى قوزغىغانلىقىم سەۋەبىدىن بولسا كېرەك دەپ بىلىمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان 17-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى كەچتە، خۇ جيا ئەپەندى بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ بىر كېچە سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلھام توختى دېلوسى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتۇرۇلغان. ئەمما خۇ جيا ئەپەندى 18-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن سوراق قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ۋە تۋىتېر تورىدا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى كېچىدە ئۇنىڭ شەخسى ئاپتوموبىلىغا نامەلۇم كىشىلەر قىزىل سىر تۆكۈۋېتىپ، ئاپتوموبىل ئىچىگە پارتلىغۇچ قويۇپ قويغان ۋە بىر پارچە باغاقچە قالدۇرۇپ، ئۇنى ئۆلۈم تەھدىتى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ ھەقتە توختالغان خۇ جيا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ باغاقچىنى يازغانلارنىڭ بۇ يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدە ماڭا ھۇجۇم قىلىپ ئىككى قوۋۇرغامنىڭ سۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى مەندىن 1 مىليون خەلق پۇلى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر تەلىپىنى ئورۇنلىمىسام ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ باغاقچى يازغان ۋە توختىماستىن تېلېفون ئۇچۇرلىرى يوللاپ ئاتا-ئانامنى ۋە ئائىلەمدىكىلەرنى قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلار بىلەن ئەينى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. ئەينى چاغدا مەن بېيجىڭ ساقچىلىرىغا ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ھەققىدە ئەرز قىلغان بولساممۇ، ئەمما ساقچىلار ئۇلارنى تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ قېتىممۇ ئەينى ئەھۋال تەكرارلاندى. ئۇلار ئاپتوموبىلىمنىڭ ئىچى-سىرتىغا قىزىل سىر تۆكۈپتۇ، ئاپتوموبىلىم ئىچىگە قويۇلغان بولاقنىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرەلىگۈدەك كۈچى بار پارتلىغۇچ بومبا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ساقچىلار ماڭا تەھدىت سالغۇچىلارنىڭ مېنىڭ بىلەن شەخسى ئاداۋىتى بار كىشىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنى تېپىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە. دائىرىلەر ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋاللارنى مېنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلايدىغانلىقىمنى بىلىدۇ. ئۇلار مېنى تەھدىت بىلەن قورقۇتالمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئارقىلىق باشقىلارنى قورقۇتۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى. ئىلھام ئەپەندىنىڭ سوتى ئېچىلغاندىن بۇيان ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئىلھام توختى سوتىنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى. ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن تۋىتېرغا يوللىغان ئۇچۇرلىرىدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتنى قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ تەنقىدلىدى. ۋوئىسېر قاتارلىق كۆپلىگەن زىيالىيلار ئىلھام ئەپەندى ئۈچۈن ئادىللىق تەلەپ قىلماقتا. ھازىر تۋىتىر تورىدا ئىلھام ئەپەندىنىڭ سوتى ھەققىدە نارازىلىق پىكرىنى ئىپادىلەيدىغانلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۇ ئەھۋال ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەنسىرەتتى ئەلۋەتتە.»

ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن تۋىتېر تورىغا يوللىغان ئۇچۇرىدا،«ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوت باشتىن ‏-ئاخىرى بىر سىياسىي تەشۋىقات مەيدانى بولدى. بۇ سوتتا قانۇنىي تەرتىپ ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ بىرىگىمۇ ئەمەل قىلىنمىدى. سوتچى ئەمەلىيەتتە سىياسى-قانۇن كومىتېتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بىر قورچاق بولۇش ۋەزىپىسىنىلا ئورۇنلىدى خالاس!» دەپ يازغان.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئەپەندى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەنقىدلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوتنىڭ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىغىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ بارلىق ئاماللار بىلەن ئىلھام توختىغا ئارتىلغان«دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى ئېغىر جازا بىلەن جازالاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تۋىتېر تورىغا يوللانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ۋە ئۇنىڭ سوتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئادۋوكاتلار ھەر قېتىم چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۇلارنى گەپ-سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.