0:00 / 0:00
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ھەمدە ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئىنسانىي، دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىنىشىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا يېقىندا ھوقۇق قوغدىغۇچى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولماقتا.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ بۇ ھۆكۈمنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ھەم تونۇلغان شائىر ۋە يازغۇچىلار ئابدۇخالىق ماھمۇتوف ۋە ساۋۇت ئىسكەندەروفلار بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.