خىتاي دائىرىلىرى 23-سېنتەبىر كۈنى مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، نۆۋەتتە ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئادالەت تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 29-سېنتەبىر دۈشەنبە كەچتە، 2014-يىللىق «باربارا گولدىمىش ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى» ساھىبى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئاتاپ شام يېقىپ ئادالەت تەلەپ قىلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان دىرېكتور ساراخ ئېدكىنىس خانىمنىڭ پائالىيەت ھەققىدە رادىئومىزغا يوللىغان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ «باربارا گولدمىش مۇكاپاتى فوندى» تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، پائالىيەتكە مەزكۇر مۇكاپات بېرىلگەن يازغۇچىلار، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغاندىن باشقا، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىلھام توختىنى قوللىغۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە نيۇيورك شەھەر ئاھالىسى ئىختىيارىي قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.
پائالىيەتنى تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان دىرېكتور ساراخ ئېدكىنىس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى پائالىيەتنى نيۇيورك شەھىرىنىڭ غەربىي 66-رايون 12-كوچىغا جايلاشقان نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت8 دىن 9 غىچە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
ساراخ ئېدكىنىس خانىم يەنە ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەرنى پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوقۇشى بەك ئالدىراش بولغاچقا پائالىيەتكە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ دوستلىرىدىن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى تىبەتشۇناش ئېلىئوت سپېرلىڭ ئەپەندىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ساراخ ئېدكىنىس خانىم بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىللاردا ئۆز قەلىمىگە تايىنىپ، تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلغان ئاپتونومىيىلىك قانۇننىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەلەپ قىلدى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باراۋەرلىك تەلەپ قىلدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدىكى نۇقسانلارنى ئاشكارا تەنقىد قىلدى، جۈملىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. ھەققانىيەتنى ئادالەتنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خاپا قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى دائىرىلەر ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىگە سولىدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق ۋە ئۇنىڭغا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەسىس قىلغان«باربارا گولدىمىش ئەركىن يېزىش» مۇكاپاتىنىڭ 2014-يىللىق مۇكاپاتىنى بېرىشنى قارار قىلغان ئىدۇق. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش تەلىپىگە قۇلاق سالماستىن، ئۆتكەن ھەپتە ئىلھام ئەپەندىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتقان دېموكراتىك ئەللەر ۋە خىتاي خەلقىنى ئەپسۇسلاندۇردى. ئەمما بىز يەنىلا ئۈمىدىمىزنى ئۈزمىدۇق. بىز بۈگۈن 29-سېنتەبىر كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈچۈن شام يېقىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى بىكار قىلىپ، ئىلھام ئەپەندىنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. ئادالەتكە چاقىرماقچىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشقا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرىق قىلىمىز.»
ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلەر تەرىپىدىن بۇ يىل 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، 23-سېنتەبىر ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بۇ يىللاردا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ئۈچۈن، بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەسىس قىلغان «باربارا گولدىمىش ئەركىن يېزىش» مۇكاپاتىنىڭ 2014-يىللىق مۇكاپات ساھىبى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر دادىسىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، ئىلھام ئەپەندى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.