ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: «‹ئەركىنلىك مۇكاپاتى› ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىدۇر!»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىگە بەند قىلىۋەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 30-نويابىر كۈنى خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسىنىڭ 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. تەكلىپ بويىچە بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە ئىلھام توختىغا بېرىلگەن بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھەقلىق داۋا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نامايان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى 30-نويابىر كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ (گائاگا) شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ زالىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئىچىدە تەبرىكلەندى. مۇكاپات ساھىبى ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان ئىلھام توختىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىلەردە توختاۋسىز پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى.

بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان جەۋھەر ئىلھاممۇ بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىن ئۈچۈن تەييارلىغان مەخسۇس ۋىديولۇق سالىمىنى يىغىن ئەھلىگە يوللىدى ھەمدە ئۇلارغا دادىسى نامىدىن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ يىغىن ئەھلىگە يوللىغان سالىمىدا مۇنداق جۈملىلەر كۆزگە چېلىقىدۇ: «مەن جەۋھەر ئىلھام. دادام ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن بۈگۈن بۇ يەردە بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن ئۆزرە سورايمەن. خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ يىلقى ‹ئەركىنلىك مۇكاپاتى› ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن. سىلەرنىڭ بۇنداق زور دەرىجىدىكى قوللىشىڭلار يالغۇز يۈرەكلەرنى ھاياجانغا چۆمدۈرۈپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى ئۈچۈنمۇ زور قوللاش ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭدەك خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە پاراكەندىچىلىكىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئۇيغۇرلارغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ۋە ياردىمى ئۇنچىلىك كۆپ نېسىپ بولمايۋاتىدۇ. مەن بۇ يىلقى ‹ئەركىنلىك مۇكاپاتى› بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمەن. خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسىنىڭ تاكى دادام ھۆرلۈككە چىققۇچە ئۇنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپ رەھمەت!»

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى»نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە سۆز قىلىش توغرا كەلسە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، بۇلغارىيەلىك ئىلخان كۈچۈك ئەپەندىمنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىغا تونۇشتۇرۇشتا زور رولى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
ئەنۋەرجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ باش بولۇپ تەشكىللىگەن ھەمدە نۆۋەتتە رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇ يىل ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ئەركىنلىك مۇكاپاتى»مۇ ئەنە شۇ خىل تىرىشچانلىقلارنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى ئىكەن. دەرۋەقە، شۇنىڭغا يارىشا ھازىر خەلقئارادا ئىلھام توختىنى يالغۇز بىر شەخسنىڭ قىسمىتى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە مىسال سۈپىتىدە چۈشىنىش ئومۇملىشىۋېتىپتۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئىلھام توختىغا 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى»نى بېرىش مۇراسىمىغا تەكلىپ بويىچە قاتناشقان شەرەپ مېھمانلىرىنىڭ بىرى. ئۇ مۇراسىم جەريانىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىگەچ، يىغىن ئەھلىنىڭ بىردەك «ئىلھام توختى- ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» دەپ تەرىپلىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئەنۋەرجاننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئىنسانلارنى «تېررورچى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى يوللۇق ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئىلھام توختىنىڭ يەنە بىر قېتىم خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ماھىيەتتە دۇنياغا كىمنىڭ ھەقىقىي تېررورچى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرگەنلىك بولىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ بۇ جەھەتتە ئەنۋەرجان بىلەن ئوخشاش قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئىلھام توختىنىڭ 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى»غا ئېرىشىشى خەلقئارادا يۈكسىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خەلقئارانىڭ بارغانسېرى بۇ داۋانى ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى كېلەر ھەپتە گېرمانىيەنىڭ ۋېيمار شەھىرىدە يەنە بىر خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان بولۇپ، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نۆۋەتتە ئىلھام توختىنى خەلقئارادىكى يەنە بىر ئالىي مۇكاپات بولغان «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى»
غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئۈچۈن پائالىيەتلەردە بولماقتا ئىكەن.