ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.02.27
istanbulda-xitay-besimigha-qarshi-2019-namayish-1.jpg

ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 23-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-xitay-besimigha-qarshi-2019-namayish-2.jpg

ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 23-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-xitay-besimigha-qarshi-2019-namayish-3.jpg

ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 23-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-xitay-besimigha-qarshi-2019-namayish-4.jpg

ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 23-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-xitay-besimigha-qarshi-2019-namayish-5.jpg

ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 23-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-xitay-besimigha-qarshi-2019-namayish-6.jpg

ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 23-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-xitay-besimigha-qarshi-2019-namayish-7.jpg

ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 23-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

23-فېۋرال شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا چوڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

ئەر-ئايال ئۇيغۇر، تۈركلەردىن تەركىب تاپقان نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تۈرك بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا بەيازىت جامەسى ئالدىدىكى چوڭ مەيدانغا جەم بولدى. نامايىشچىلار قوللىرىدا يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن ۋىۋىسكا ۋە تاختىلارنى كۆتۈرگەن بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار «مەنمۇ ئۇيغۇر، مەنمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرگەن بولسا، يەنە بەزى نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدىكى رەسىم ئاستىغا «ئاكام قەيەردە؟! ، دادام قەيەردە؟ ئايالىم قەيەردە ؟» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان. نامايىشچىلار ئاساسلىقى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئاتا-ئانىلىرى، ئاكا-ئىنىلىرى ۋە ھەدە-سىڭىللىرى قاتارلىق پۈتكۈل ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ سوئال قويغان.

نامايىش باشلانغاندا ھاۋا قاتتىق سوغۇق بولۇپ، شامال چىقىپ، قار ئارىلاش يامغۇر ياغقان ئىدى. نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىققا چىقىشى توغرىسىدىكى بايانات ئوقۇپ ئۆتۈلدى. باياناتنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى.

نامايىش جەريانىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، سابىق تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جالال ئەرباي، خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بورھان كاۋۇنجى قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى ۋە خىتاينى زۇلۇمنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەردە ھەر كىم ئېتنىك كىملىكلىرى، دىنى ئېتىقادى، قىممەت قاراشلىرى، مەزھىپى نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن توپلاندۇق. بۈگۈن تۈركلۈكنىڭ، مۇسۇلمانلىقنىڭ ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ سىناق كۈنىدۇر. ھەر كىمنىڭ، مەنمۇ ئۇيغۇر مەنمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق، دېيىشىنى، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندۇق».

نامايىش جەريانىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «بۇ دۇنيادا ھازىر بىر نەرسە كەمچىل، ئۇ بولسىمۇ ئادالەت، ئادالەت بولمىغان يەردە زۇلۇم بولىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ زۇلۇمغا بىز ھەممىمىز بىرلىكتە قارشى چىقىمىز. زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قوللىرىنى سۇندۇرىمىز، ئەگەر شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەركىن بولالمىسا خىتايمۇ ئەركىن بولالمايدۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇستەقىل بولالمىسا خىتايمۇ مۇقىملىقنى ساقلىيالمايدۇ. بۇ جەھەتتە بىز زۇلۇمغا قارشى تۇرساق ئادالەت بەرپا بولىدۇ، ئادالەت بىز تۈركلەرنىڭ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ قىممەت-قاراشلىرىدىن بىرىدۇر».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە «ئابدۇرېھىم ھېيت ئائىلىسى ۋە ئادۋوكاتى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلمايدىكەن ۋە ئەركىن ھالدا سۆزلىيەلمەيدىكەن ئۇنىڭ ھەققىدىكى باياناتلار قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە «تۈركىيە، ب د ت، ئەرەب بىرلىكى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دىئاسپورىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر مۇستەقىل بىر تەپتىش ھەيئىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ۋە زىيارەت جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز»، دېدى.

ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئادىل ئىشان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئادىل ئىشان ئەپەندى، ھاۋا سوغۇق ۋە قار ئارىلاش يامغۇر يېغىپ قاتتىق سوغۇق بولۇپ كەتسىمۇ نامايىشچىلارنىڭ جانلىق ھالدا شوئار توۋلاپ نامايىش قىلغانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

23-فېۋرال كۈنى يەنە ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ پائالىيەت، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى قاتارلىق كۆپ ساندا تەشكىلاتلار قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبىسى مەسئۇلى جەزمى بايرام ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنسانلارغا ئېغىر دەرىجىدە بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.