تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەت باشلىدى
2019.01.03
تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى 2019-يىللىق خىزمىتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باستى.
مەركىزى گېرمانىيەدىكى تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىلگە ئىمزالىق خەت يوللاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەت باشلىدى. تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ 2019-يىلىدىكى تۇنجى پائالىيىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش بىلەن باشلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تەشكىلات ئۈستىدىن ئۆتكەن يىلى ب د ت غا ئەرز سۇنۇپ، ئۇنىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ئىدى.
مەزكۇر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىملىق ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «خىتاي جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىسۇن!» دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ھەقتىكى يازمىنىڭ «ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارغا ئەركىنلىك» ماۋزۇسىدىكى كىرىش سۆزىگە مۇنداق يېزىلغان: «خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىي رايونى ئۆتكەن 2 يىلدا بىر تەجرىبىخانىغا ئايلاندى. خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە تېخنىك كۈچلىرى ئۇيغۇر ھەم قازاق مۇسۇلمانلىرى مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى مۇتلەق كونترولى ئاستىدا تۇتۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. جازا لاگېرلىرىغا قامالغان تۇتقۇنلار تاكى كىشىلىك خاراكتېرىدىن ئادا-جۇدا بولغۇچە مېڭىسىنى يۇيۇلۇشقا مەجبۇرلاندى. دوستىمىز دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسى 2018-يىلى 5-ئايدا مانا مۇشۇنداق بىر لاگېردا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇ ئايالمۇ ھەر كۈنى قاتارغا تىزىلدۇرۇلۇپ خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىيەلەش ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا مەجبۇرلانغانمىدۇ؟ كەمسىتىلگەن، خورلانغانمىدۇ؟ دولقۇن ئەيسا ئانىسىنىڭ بۇنداق خارلىقلارغا ئۇچرىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايتى…»
يۇقىرىقى ئابزاسنىڭ ئاستىغا مۇنداق بىر جۈملە قوشۇلغان: «تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىماسلىقى، مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئانجىلا مېركىلگە يازغان بۇ خېتىمىزگە ئىمزا قويۇڭ!»
مەزكۇر ئىمزالىق خەتنىڭ مېركىلگە قارىتىلغان قىسمىغا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر خانىم، 2017-يىلىدىن بۇيان 1مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار مەقسەتلىك ھالدا لاگېرلارغا قامالدى. خىتاي ھاكىمىيىتى سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلىق ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا. مەھكۇملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قورقۇنچ ۋە روھىي قەتلىئاملارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ دۆلەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئاز دېگەندە 10 پىرسەنتى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان. مەن سىزدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق لاگېرلارنى تاقاپ، ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ ئەركىن ياشىشىغا يول قويۇش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىمىزنى قوللىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن!»
بىز بۇ ئىمزالىق خەتنى ئېلان قىلغان تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە كۆزقاراشلىرىنى ئېلىشقا كۆپ قېتىم تېرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئۇلىشالمىدۇق. ئۇشبۇ خەتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن سۆيۈنگەن گېرمانىيەدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن مېھرىبان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا گېرمانىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا ئىمزا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، باشقا مىللەت ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە 2019-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيرلىك بىر يىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئىمزالىق خەتنىڭ ئاستىغا مۇنداق بىر ئابزاس ئىزاھات قوشۇمچە قىلىنغان: «ئايلاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. ئەمما پاكىتنىڭ ۋەزنى ئۇنىڭدىن ئېغىردۇر. سۈنئىي ھەمراھدىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە ستۇتگارتلىق تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇشىغا ھەمدە بىخەتەرلىك خادىملىرىغا ناھايىتى زور دەرىجىدە مەبلەغ ئاجراتقان. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ زوراۋانلىق بىلەن مېڭە يۇيۇشىنىڭ كۆلىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. بۇ ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ ئاز دېگەندە 10 پىرسەنتى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان. گېرمانىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ سان تۆۋەن ساكسىن ئۆلكىسىنىڭ نوپۇسى بىلەن باراۋەردۇر. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر قاباھەتتۇر. بىز ئىنسانلارنىڭ ئىرقىي ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىكلا بۇقەدەر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز. بىزنىڭ ئىمزالىق خېتىمىزگە قول قويۇڭ ۋە ئۇنى دوستلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىڭ. ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج بولماقتا.»
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىمزالىق خېتىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، بۇ تەشكىلاتنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.