بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2014.10.23

10-ئاينىڭ 23-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چاقىرىلغان 59-نۆۋەتلىك ئاياللارغا قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك كەمسىتىشلەرگە قارشى تۇرۇش يىغىنىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
160 ئەتراپىدا دۆلەتتىن ۋەكىللەر قاتناشقان يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق كىشىلەر قاتنىشىپ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خانىم-قىزلارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتىدىكىلەر خىتايدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا قىلىۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتى توغرىسىدا سوئال سورىغان، خىتاي ۋەكىللەر بولسا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ پۈتۈن ھەق ۋە ھوقۇقلارغا ئىگە بەختلىك ھالدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.