16-سېنتەبىر شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ۋە تېبەتلەرنىڭ بىرلەشمە نامايىشىدا، بىر قانچە تۈرك ۋە تۈرك تىلى بىلىدىغان بىر فىرانسىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ژۇرنالىست بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مەزمۇن ۋە ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئايرىم پروگرامما قىلىپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىزلەر...
ئۇ كۈن نامايىشتا قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقى بىلەن دىققەت چەككەن بىر قانچە تۈرك زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
سوئال: كىم بولىسىز؟ نامايىشقا نېمە ئۈچۈن كەلدىڭىز؟
جاۋاب: ئىسمىم ساباھىددىن گېرمانىيەدىن كەلدىم. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەركىنلىك مۇجادىلىسىگە ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن نامايىشقا قېتىلدىم.
سوئال : ئۇيغۇرلارغا نېمە سۆزىڭىز بار؟
جاۋاب: ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭلار! سىلەر يالغۇز ئەمەس سىلەر. بىز بىر بۈيۈك بىر ئۇلۇسنىڭ ئەۋلادلىرىمىز. ھەرقاچان بىرلىكىمىز ۋە باراۋەرلىكىمىزنى قوغدايلى! ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك يولىدا تىرىشچانلىقلىرىمىزدىن ۋە ئانا ۋەتىنىمىزدىن ۋاز كەچمەيلى! بىزنىڭ كۈچىمىز بىرلىكىمىزدىدۇر. بىر-بىرىمىزنى سۆيەيلى. تاكى، ئۆلگۈچە مۇجادىلىمىزدىن توختاپ قالمايلى!
سوئال: بۈگۈنكى بۇ يەردە بولۇۋاتقان نامايىشنىڭ تەسىرى توغرىلىق چۈشەنچىڭىز قانداق؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بىز ھەقلىق دەۋايىمىزنى ياۋروپا خەلقىگە ئاڭلىتالايمىز. ئەمما، ماددىيەتكە باغلانغان دۇنيانىڭ تەقەززاسىدىن ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ماددىي مەنپەئەتىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، بىز ئۈچۈن چوڭ بىر نەرسە قىلىپ كېتىشلىرىگە ئىشەنمەيمەن. لېكىن، ھېچبىر ئىش قىلمىغاندىن كۆپ ياخشىدۇر. بىز ھەر يەردە، ھەر بىر سىياسەت سەھنىلىرىدە ۋە باشقا پۇرسەت پەيتلىرىدە ئاۋازىمىزنى ياڭرىتايلى!
سوئال: سىز نەدىن كەلدىڭىز؟ نېمە سەۋەب بىلەن بۇ نامايىشقا قاتنىشىۋاتىسىز؟
جاۋاب: مەنمۇ گېرمانىيەدىن كەلدىم. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بۇ نامايىشقا قاتناشتۇق. بىز ھەرقاچان سويداشلىرىمىز بىلەن بىللىمىز. ئاللا سويداشلىرىمىزنىڭ ياردەمچى بولسۇن. دۇئالىرىمىزمۇ ئۇلار بىلەن بىللىدۇر.
سوئال: ئۇيغۇرلارغا دەيدىغان سۆزىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: ھېچبىر زامان يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئۇنۇتمىسۇنلار. بىز بىر تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ سەۋدايىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ دەۋاسى - ئۆز دەۋايىمىزدۇر.
زىيارىتىمىزگە داخىل بولغان يەنە بىر تۈرك ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتتىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا قېتىلدىم. مەن شۋېتسارىيە تۈرك فېدراتسىيۇنىغا قاراشلىق ئاروۋ تۈركىستان كۈلتۈر ئوچاغىنىڭ باشلىقى بولىمەن. دوستلار بىلەن بىللە كەلگەن ئىدۇق. ناھايىتى ياخشى بىر پائالىيەت بولدى. يېنىمدىكى بۇ جىيەن قىزىممۇ تۈركىيەدىن مېھمان بولۇپ كەلگەن ئىدى. بىزگە ئەگىشىپ كەلدى. ياخشى بولدى.
سالامدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ رەسىمى ۋە نام-نىشانىنى بىلدۈرمەسلىك شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيەلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
سوئال: سىز قەيەرلىك؟ نامايىشقا قانداق بولۇپ قېتىلدىڭىز؟
جاۋاب: ئۆزۈم فرانسۇس. شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن. بۈگۈن بۇ يەرگە دوستۇم بىلەن ساياھەت قىلىپ ئايلىنىپ كېلىپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆرۈپ «ۋوي... شەرقىي تۈركىستانلىقلارغۇ بۇ!؟» دەپ، كېلىپ نامايىشقا قېتىلدىم. ئەسلىدە بۇ نامايىش پائالىيىتىدىن خەۋىرىم يوق ئىدى. تاسادىپىي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشۈۋېلىش ئىشتىياقى بىلەن بۇ يەردە تۇرۇۋاتىمەن. ياخشى بولدى.
سوئال: بۈگۈن بۇ كۆرگەنلىرىڭىزگە قارىتا ، ئۆز قارىشىڭىز قانداق؟
جاۋاب: ھەقىقەتەن تەس. ئەمما، تىبەتلەر بىلەن بىرگە بولغاننىڭ تەسىرى ئەلۋەتتە، باشقىچە بولىدۇ. مەنچە پايدىسى بار.
سوئال: ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق بىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېيتتىڭىز. نېمە ئۈچۈن بۇ تېمىنى تاللىدىڭىز؟
جاۋاب: چۈنكى؛ خىتاي تەتقىقاتىدا ئۇيغۇرلار چوڭ بىر مەسىلىدۇر. شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيىلىك بىر زېمىندۇر. شەرقىي تۈركىستاندا تەتبىقلىنىۋاتقان سىياسەتلەر مۇھىم سىياسەتتۇر. بىزنىڭ قارىشىمىزدا شۇنداق مۇھىمدۇر. يەنە بىرى ئۇيغۇر كۈلتۈرى بىرئاز ئىزدەنگەندىن كېيىن، يىلتىزى ئىنتايىن چۇڭقۇر، جەلپ قىلارلىق بىر كۈلتۈر ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدىغان بىر مەدەنىيەتتۇر. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا- ھەم ھەۋەس، ھەم ئۈمىد، ھەم نەتىجە ئۈچۈن بۇ تېمىنى تاللىدىم.
سوئال: ھازىرقى تەتقىقاتىڭىز ھەققىدە نېمە دەپ بېرەلەيسىز؟
جاۋاب: مەن ھازىر تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپى توغرىلىق يېزىۋاتىمەن. يېقىندا پۈتىدۇ.