خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا (3)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.06.14
jeset-koydurush.jpg خىتاينىڭ جەسەت كۆيدۈرۈش جەريانىدىن كۆرۈنۈش.
baike.baidu.com

خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان لاگېرلىرى 2‏-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ناتسىستلار» يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سېلىشتۇرۇلۇۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاينىڭ 9 جايدا يېڭى جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتى قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى يالغۇز بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغىلا 50 نەپەر قوغدىغۇچى خادىم قوبۇل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار تىۋېتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلماقتا بۇ تېما يەنە ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى قۇرۇشى قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى كۆزىتىپ ماقالە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تىۋېتتېردا بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشقان كۆزەتچىلەر بۇنى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنى قامىۋالغان لاگېرلىرى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلغاندا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مەقسىتىنىڭ شۈبھە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى ۋە مۇلاھىزە ماقالىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس، ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى ئادرىيان زېنىزنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلار كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغىلا 50 نەپەر قوغدىغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقى، قوغدىغۇچى نامزاتلىرىغا كۈچ قۇۋۋەتلىك ۋە قورقۇمسىز بولۇش شەرتىنى قويۇشى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان گۇمانلىق نۇقتىلار دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» دا خەۋەر قىلىنغاندەك لاگېرلاردىن چىققان جەسەتلەرنى ئائىلىسىگە قايتۇرمىغاندا، بۇ خىتاينىڭ لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ شۇنداقلا بۇ جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەخسۇس قوغدىغۇچىلارغا ئېھتىياجى بولىدۇ،» دېگەن قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق لاگېرلىرىدىن باشقا بۇ خىل جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قۇرۇشىغا ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشكەن بىر قانچە مۇتەخەسسىسلەرمۇ بۇ گۇمانلىق نۇقتىلارنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى 50 نەپەر قوغدىغۇچى خادىم قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان ئورۇن ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى «توققۇز ئەجدىھا ئىستىراھەت باغچىسى» دەپ نام قويۇلغان جەسەت كۆيدۈرۈش-دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىرلەشكەن زور كۆلەملىك قەبرىستانلىق ئىكەن. بۇ يەر بىڭتۇەن باشقۇرۇشىدىكى تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان خىلۋەت جايغا ياسالغان ئىكەن.

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان سودىسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتان گۇتمان ئەنگلىيەدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىلدىكى غۇلغۇلا ۋە ئۇچۇرلاردا ئۆزىدە گۇمان قوزغىغان نۇقتىلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ تاغ ئارىسىدا خىلۋەت جايلارغا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قۇرۇشى ۋە بىر ئورۇنغىلا 50 قوغدىغۇچىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىشى جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەخپىيلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»

1997- يىلىدىكى «غۇلجا ۋەقەسى» دە تۇتۇلغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن جەسەتلىرىنىڭ مەخپىي بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىسپاتلار بارلىقىنى تەكىتلىگەن گۇتمان ئەپەندى يەنە «ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋالغان فالۇنگوڭچىلار ۋە بىر قىسىم سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ يوقاتقان. نۆۋەتتە جەسەتلىرى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمايۋاتقان ۋە لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنىمۇ شۇنداق كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس دەپ قارايمەن. چۈنكى كۆيدۈرۈش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىتلارنى يوقىتىش پىلانىغا ماس كېلىدۇ. جەسەت كۈلىدىن ئۆلگۈچىنىڭ ئېغىرلىقىنى مۆلچەرلەشتىن باشقا ھېچنېمە ئېنىقلانمايدۇ. بۇ ئارقىلىق لاگېردىكىلەرگە قىيىن قىستاققا ئالغان ساقچىلارنىڭ جىنايىتىنىمۇ يېپىۋېتەلەيدۇ. شۇڭا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قۇرۇشىغا دائىر تاراتقۇلاردىكى غۇلغۇلا ۋە شۇنداقلا خىتاي ئۆزى تارقاتقان مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى بىرلەشتۈرگەندە ھەقىقەتەن ئارامىمنى بۇزماقتا،» دېدى.

گۇتمان ئەپەندى يەنە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى قۇرغاندىن باشقا ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە بىردىن خىتاينى ئورۇنلاشتۇرۇشى، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىشى، پۈتۈن جايدا ئىنسانلارنى كۆزىتەلەيدىغان ساقچى دۆلىتىدەك باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان بىر شارائىتتا خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئەمما مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە جەسەت كۆيدۈرىدىغان بۇ ئورۇنلارنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇپ ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمايۋاتقان، ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن بۇ جايلاردىن پايدىلىنىش ئېھتىمالىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.»

گۇتمان ئەپەندى بۇ جىددىي گۇمان قوزغايدىغان مەسىلە ھەققىدە ئۇچۇرلارنى يىغىپ، خىتايدىكى ئورگان سودىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقان بارلىق خەلقئارالىق ئورۇنلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئورگان يۆتكەش مەسىلىسىگە ئائىت تور بېتىگىمۇ چاپلايدىغانلىقىنى شۇنداقلا كېلەر ھەپتە پراگادىكى چېخ دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى ئورگان يۆتكەش مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىسپاتلىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قۇرغان لاگېرلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىدە لاگېردىكىلەرنىڭ سانىنى 800 مىڭ دەپ مۆلچەرلىگەن بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى تىمۇسىي گىرۇسنىڭ 500 مىڭ بىلەن 1 مىليون ئارىسىدا دەپ مۆلچەرلىگەن.

ئادرېئان زېنز 13‏-ئىيۇن كۈنى «ئالباۋابا» ناملىق بىر ئوتتۇرا-شەرق تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامالغانلارنىڭ بىر مىليون 100 مىڭغا يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ رايوندىكى قۇرامىغا يەتكەن مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتى ياكى 11 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەندىن سىرت يەنە لاگېرلارغا سەۋەبسىز قامىۋالغانلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىدىغانلىقى ۋە ياكى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى قاتتىق قورقۇنچ پەيدا قىلىۋاتقان بۇ سىرلىق لاگېرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.