دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
يىللاردىكىگە ئوخشاشلا، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار 1-ئۆكتەبىر كۈنى تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ خىتاي ھۆكۈمىتى 67 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى كانادا خەلقىگە ئاڭلاتتى.
نامايىشتا، نامايىشنى تەشكىللىگەن شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل نارازىلىق باياناتنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
باياناتنامىدە، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ قارا كۈننى ھەرگىز ئەستىن چىقارمايدىغانلىقى، 1949-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، سىياسىي، مەدەنىيەت، تىل، دىن ئۆرپ ئادەت جەھەتلەردە قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقى ۋە قاتتىق قىيىن قىستاقلارنى ئېلىپ بارغانلىقى»، نەتىجىدە « بۈگۈنكى شەرقى تۈركىستان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
نامايىشقا قاتناشقان ئابدۇل ئەزىز ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق نامايىشقا قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەر قېتىم تورونتودا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان نامايىشقا، ئىران ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى جەنۇبى ئەزەربەيجان ئازادلىق پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرى بىلەن تەقدىرداش بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلدى.
شۇ كۈنكى نامايىشقا قاتناشقان جەنۇبى ئەزەربەيجان ئىستىقلال پارتىيەسىنىڭ تورونتودىكى ۋەكىلى ياشار بوزكۇرت، جەنۇبى ئەزەربەيجان ئىستىقلال پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىدىن ئوغۇز ۋە ئاتا قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى، قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى، ھەر زامان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياشار بوزكۇرت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغالىيىتىدە، بىز ئەزەربەيجانلىقلار ئىران ئىشغالىيىتىدە ياشاپ كېلىۋاتىمىز، بىز ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش. بىز ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىمىز.»
شۇ كۈنكى نامايىشقا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان تاھىر ئائىلىسى 3 ئوغلى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تاھىر ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۈگۈن خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى كەڭ-كۇشادە ئاڭلىتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شۇ كۈنكى نامايىشقا كاناداغا كەلگىنىگە ئەمدىلا بىر يىل بولغان، بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن مۇستەقىل تۇيغۇنمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ كاناداغا كېلىپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى مۇستەقىل ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈردى.
نامايىشقا تورونتو شەھىرى ۋە ئەتراپىدا ياشايدىغان كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتاي ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەت، خىتاي قىرغىنچىلىقنى توختات، خىتاي تېررورىست »دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلىدى.
1-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش، تورونتو ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دە باشلىنىپ 5 ئەتراپىدا ئاخىرلاشتى.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.