كانادادا ئېچىلغان «ئىسلام روھىنى ئۇرغۇتۇش» ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
2018.12.25

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 21-دېكابىر كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە باشلانغان «RIS»، يەنى «ئىسلام روھىنى ئۇرغۇتۇش» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن 3 كۈن داۋاملاشقان. مەزكۇر يىغىنغا كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كانادادىكى ئۇيغۇرلاردىن 150 تىن 200 گە قەدەر ئادەم قاتناشقان. يىغىندا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.
تۇيغۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تۇرنىسا خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر ھەققىدىكى دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەييارلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بىر سىنئالغۇ فىلىمى چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلگەن. بۇ فىلىمنى كۆرگەن يىغىن مەيدانىدا كىشىلەر كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى سوراشقان.
يىغىندا 4 مىنۇتلۇق سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن تۇرنىسا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «RIS»، يەنى «ئىسلام روھىنى ئۇرغۇتۇش» يىغىننىڭ كانادادا 18 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق چوڭ خەلقئارالىق يىغىلىشتا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يىغىن باشلىنىشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرىلا ئۇ بۇ يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن كانادا ئىسلام جەمئىيىتى ھەمدە بۇ قېتىمقى يىغىندا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 26 نەپەر ئىسلام ئۆلىماسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشقان.
ئۇ يىغىندىن ئىلگىرى كانادا ئىسلام جەمئىيىتى ۋە بۇ قېتىملىق يىغىندا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان شەيخلەرگە يازغان ئېلخەتلىرىدە دۇنيا نوپۇسىنىڭ بىر يېرىم مىليارد ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى قىيىن ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان.
تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تورونتو شەھىرىدە ئېچىلغان بۇ يىللىق «RIS» يىغىنىنىڭ 3 كۈنلۈك پائالىيىتىدە يەنە كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئائىت كۆرگەزمىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكەن. كۆرگەزمىدە تۈركىيەدە قۇرۇلغان «نۇزۇگۇم» جەمئىيىتىنىڭ كانادادىكى بىر قىسىم ئەزالىرى تەييارلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئائىت مەدەنىيەت بۇيۇملىرىمۇ قويۇلۇپ، يىغىنغا كەلگەن مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان.
مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مۇكەررەم قۇربان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا «نۇزۇگۇم» جەمئىيىتىنىڭ كانادا شۆبىسىدىكى ئاياللارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 كۈنلۈك بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن يىغىن مەيدانىنىڭ ئۆزىدىلا 3000 دىن ئارتۇق كىشى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغان.
مۇكەررەم خانىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئېچىلغان بۇ يىللىق «RIS» يىغىنىغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ، يىغىننىڭ كۆرگەزمە پائالىيىتى زالىدا مۇخبىرلار ۋە يىغىن ئەھلىگە مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەردىن مىليونلارچە ئىنساننى جازا لاگېرلىرىغا قاماۋاتقان ۋەزىيەتكە نىسبەتەن غەرب دېموكراتىك ئەللىرى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشتەك بۇ خىل پاسسىپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشتە «RIS» يىغىنىغا ئوخشاش زور كۆلەملىك پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىشنىڭ مەلۇم ئۈنۈمى بولىدىكەن.