دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە تىرىشىپ ئوقۇش بىلەن بىرگە، ياخشى كەسىپلەرنى تاللاپ ئوقۇپ ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
نورۋېگىيەنىڭ فرېدرىكستاد شەھىرىدە ئائىلىسى بىلەن بىللە ياشاۋاتقان مۇئەتتەر موسا، نورۋېگىيەگە كەلگەن قىسقىغىنە 5يىل ئىچىدە تىرىشىپ ئوقۇپ بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئۇ ئالدىنقى ئايدا فرېدرىكستاد شەھىرىدىكى «450 فولك فرېدرىكستاد» دېگەن گېزىتنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇش جەريانىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يەكلىشى ۋە كەمسىتىشىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى ھەمدە نورۋېگىيەگە كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلغان ياردىمى ۋە غەمخورلۇقىنى سېلىشتۇرۇپ مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. بىز بۇ خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن مۇئەتتەر موسانى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.
مۇئەتتەر موسا ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدىكى مۇخبىرنىڭ سورىغان سوئالىغا بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنىڭ قىسمەن ئارزۇلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ مۇئەتتەر موسا بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00