ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە مۇزاكىرە قىلىندى

0:00 / 0:00

22-مارت كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى پانسېرى ئەپەندى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى باربارا لوھبىھلېر خانىملار رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، سائەت 10:00-12:00 داۋاملاشقان بۇ يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلاتلار تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دولقۇن ئەيسا ھەمدە سوفى رىچاردسون، پروفېسسور مارى ھولىزمان، يۇئاننا خانىملار ۋە ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزاسى تۆكەچ ئەپەندى قاتارلىق بىر قىسىم ئەزالار نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نەق مەيدان مەلۇماتىغا قارىغاندا، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى پانسېرى ئەپەندى يىغىن مۇقەددىمىسىدە، ئالدى بىلەن يىغىن ئەھلىنى بىريۇسسېلدا 2016-يىلى يۈز بەرگەن 22-مارت تېررورلۇق ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەر مىسىر، قىبرىس، قىرىم، بالقان رايونلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار بەرگەن ۋە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان، تۈرمىلەرگە بەند قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە پىكىرلەر بايان قىلىشقان.

يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمى بىر سائەتكە يېقىن كۈنتەرتىپتە تۇرغان. ياۋروپا پارلامېنتى سەھىپىسىگە قويۇلغان نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشىگە ئاساسلانغاندا، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى پانسېرى ئەپەندى، يىغىننىڭ ئەمدىكى تېمىسىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ دېگەن رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، بىر قىسىم تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىپ، ئومۇمىي ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن گۇۋاھلىقلار بەرگەن.

پانسېرى ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئالدى بىلەن، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن سوفى رىچاردسون خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلغان. سوفى رىچاردسون خانىم سۆزىدە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتايدا بارلىققا كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى چېكىنىشنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي، مىللىي، مەدەنىي جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پاش قىلغان.

بۇ قېتىمقى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خىتايشۇناس پروفېسسور مارى ھولىزمان خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا، بولۇپمۇ دىنىي جەھەتتىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى غالجىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇنلىرى ھەققىدە پىكىرلەر بايان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئىلھام توختى ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشنى ئويلىغان مۆتىدىل ئىدىيىدىكى بىر زىيالىي بولسىمۇ، ئۇنىڭ 2014-يىلى سېنتەبىردە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مارى خولىزمان خانىمدىن كېيىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان يۇئاننا خانىممۇ، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەن ‏-بىلگەنلىرىنى بايان قىلىپ، يول-يولغا قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، ئۈزلۈكسىز كوچا چارلاشلار، قالايمىقان تۇتۇپ تەكشۈرۈشلەر، تۇتۇپ سولاشلار قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، دىنىي بېسىمنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى، كۆپلىگەن مەسچىتلەرنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېنىقلا دۆلەت تېررورى سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر ۋەكىلى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۆز نۇتقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىن، تىل، مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پاش قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن يەنە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرى 21-مارت باشلانغان بولۇپ، ئۇ 23-مارت زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ميۇنخېنغا قايتىدىكەن.