ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى
2016.12.13

دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 12-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، 81 ۋىلايىتىدە شۆبىسى بار تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركەز بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، سابىق پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 120 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. مەزكۇر يىغىندا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىنى چاقىرىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۇقۇمىغا بىز ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. مىللەت، دىن ۋە ئىرقىغا قارىماستىن ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرك دۇنياسىدا، ئىسلام دۇنياسىدىكى بۈگۈنكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە خەلقنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىشتۇر. بولۇپمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتىدۇ. بەك ئۇزاقتا بولغاچقا بەزىلەر كۆرمەيۋاتىدۇ، ئەمما بىز تۈرك ئوچاقلىرى بۇنى بىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا. بىز خىتاينىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىردۇق.»
پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم دوكلات بەرگەندىن سىرت، بۇ ھەقتە مۇزاكىرىمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا ئەركىن ئەكرەم دوكلات بەرگەندىن سىرت، يىغىندا مۇزاكىرىمۇ ئېلىپ باردۇق. شەرقىي تۈركىستان تارىخىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۈرك مەدەنىيىتى، تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلىنىدۇ».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بۇندىن كېيىن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپىگە قويۇشى كېرەك. بىز مەلۇم بىر ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان تەشكىلات ئەمما زامانىمىزنىڭ ۋەزىيىتىگە مۇۋاپىق ھالدا ئۆزىمىزنىڭ يېڭىلاپ، چېغىمىزنىڭ قىممەت قارىشى ئارقىلىق رايونىمىزدىكى مەسىلىلەرنى شۇنداقلا دۇنيا مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بىز بۇندىن كېيىنمۇ بۇ ئاساستا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك دۇنياسىدا، شۇنداقلا تۈركىيەدە ئاڭلىتىشقا داۋاملاشتۇرىمىز. ئالدى بىلەن تۈركلەرگە كېيىن ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئاندىن كېيىن بولسا دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بىز رابىيە قادىر توغرىسىدا قول قويۇش پائالىيىتى باشلاتقان ئىدۇق، رابىيە قادىر خانىم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىمۋولى. مەقسىتىمىز رابىيە قادىر خانىم ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئىدى. شۇڭا بىز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، دوكلات بېرىش يىغىنلىرى، خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىنسانلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا ھەم پىكىر بولدى. 1948-يىلى 6- ئايدا تەييارلانغان ئىنسان ھەقلىرى باياناتى، 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى پارىژدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان. بۇ كۈن ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەنمەكتە.