بايدىكى كۆمۈر كان ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 50 ئادەم ئۆلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.09.28
urumchi-xitay-saqchi-charlash.jpg يەكەن قاتارلىق رايونلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارشى ۋەقەلەردىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
AFP

بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ئۇچۇر بەرگەن شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بۈگۈن يەنە بىر تولۇقلىما خەۋەر بېرىپ، ۋەقەدە 70 تىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا تېرەك بازاردىكى بىر نۆۋەتچى خادىم دائىرىلەرنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ سانىنى تېخى ئاشكارىلىمىغانلىقى، پەقەت «بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ سالمىقى بىرئاز ئېغىر بولدى » دەپلا ئۇقتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ نۆۋەتچى خادىمنىڭ دائىرىلەردىن ئۇقۇشىچە، ۋەقەدە شۇ كۈنى كاننىڭ 6 قەۋەتلىك ئىشچىلار ياتاق بىناسىدا دەم ئېلىۋاتقان ۋە ئىشقا چۈشۈشكە تەييارلىنىۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلگەن ياكى يارىلانغان، كان ئاستىدا ئىشلەۋاتقانلىرىلا ئامان قالغان.

بۇ خادىم يەنە، كوچىدا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ۋەقەدە ئاز دېگەندە 50 كىشى ئۆلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ھۇجۇمچىلارنىڭ سانىنىڭ ئاز دېگەندە 20-30چە بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.