بايدا ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي: چارۋىچىلار تاغنى بوشاتقان، چارلاش قاراباغقا قەدەر كېڭەيگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-09-29
Share
tutqun-pidaiy-xitay-saqchi-herbiy.jpg ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى.
CCTV

ئاشكارىلىنىشىچە، باي ناھىيىسىدە 18-سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىيەت كۈندىن-كۈنگە جىددىيلەشمەكتە، بۇنداق بولۇشى ۋەقە يۈز بەرگىنىگە 12 كۈن بولغىنىغا قارىماي پىدائىيلار تېخىچە تۇتۇلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پىدائىيلارنىڭ تۇتۇلماسلىقىغا ئۇلار چېكىنگەن تاغ يوللىرىنىڭ مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىكى، پىدائىيلارنىڭ مەزكۇر يوللار بىلەن پۇختا تونۇشلۇقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ قورالىنى ئولجا ئالغانلىقى قاتارلىقلار سەۋەب بولغان.

تەۋەلىكتە مال بېقىۋاتقان چارۋىچىلار تاغنى خىتاي قوراللىق قىسىم ۋە ساقچىلارغا بوشىتىپ بەرگەن، چارلاش تاغنىڭ تېرەك بازار ياقىسىدىن قاراباغ يېزا ياقىسىغا قاراپ كېڭەيگەن. نۆۋەتتە باي ناھىيىسىنىڭ تېرەك بازار، بۇلۇڭ ۋە قاراباغ يېزىسىدىكى كەنت مەركەزلىرىدە ئاياللار توپلىنىپ چارلىغۇچىلارغا تاماق ئېتىشكە سېلىنسا، ياشلار دوقمۇش-دوقمۇشتا نۆۋەتچىلىككە قويۇلماقتا.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت