خىتاينىڭ باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى ئىزدىشى 20 ‏-كۈنگە قەدەم قويدى، ھۇجۇمچىلار يەنە تېپىلمىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.10.07
komurkan-komur-kan.jpg خىتايدىكى مەلۇم كۆمۈركان. 2015-يىلى 20-ئاۋغۇست.
AFP

ئاقسۇ بايدا يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە بۈگۈن يېگىرمە كۈن بولدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى باشلىغان تاغ ئوپىراتسىيەسىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىزدىلىۋاتقان ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۈگۈن مۇخبىرىمىز باينىڭ تېرەك بازىرىدىكى نۆۋەتچى خادىملىرىغا قايتىدىن تېلېفون قىلدى. بىر كۆمۈر كاندىكى دورا ئىسكىلاتى نۆۋەتچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇمچىلار تا بۈگۈنگىچە يەنى ئىزدىلىۋاتقان 20‏-كۈنىگىچە تۇتۇلمىغان؛ تىك ئۇچار ئايروپىلانلار چارلاش دائىرىسىنى تاغ باغرىدىن، يايلاقلارغىچە ۋە دالا-ئېتىزلارغىچە كېڭەيتكەن. ھەرقايسى يېزىلاردىن تاغ يولىغا پىششىق چارۋىچىلارنى توپلاپ ئوپېراتسىيىگە ھەمكارلىققا سالغان.

ۋەقەدىن كېيىن ئىشتىن توختىتىلغان كان قۇدۇقلىرىنىڭ ھېچقايسى تېخى ئىش باشلىمىغان، مەكتەپ قورۇسىنى قوماندانلىق مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تېرەك بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆز مەكتىپىگە تېخى قايتمىغان.

بۇ ئەھۋالدىن بايدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نۆۋەتتە تېخىمۇ ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكى ۋە ھەيۋەتلىك باشلانغان چارلاش ئوپىراسىيەسىنىڭ ئەمدى جىددىي ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.