خىتاي مەتبۇئاتلىرى كۈنمىڭدىكى ھۇجۇمنى ئۇيغۇلارغا باغلىماقتا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.03.02
yunnan-poyiz-istansa-weqesi-charlash.jpg كۈنمىڭ شەھەردىكى پويىز ئىستانسىدا ۋەقەدىن كىيىن چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ساقچىلار
AFP

شەنبە كۈنى كەچقۇرۇن، نامەلۇم كىشىلەر كۈنمىڭ شەھەردىكى پويىز ئىستانسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئاز دېگەندە 29 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، 130 ئادەمنى يارىلاندۇرغان. خىتاي دائىرىلىرى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ئاخباراتى بۇلارنى «تېررورچى» دەپ ئاتىغان.

خىتاي ساقچىلىرى ھۇجۇمچىلارنىڭ 10 نەپەر ئىكەنلىكى، 4 ھۇجۇمچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، بىر ئايال ھۇجۇمچىنى يارىلاندۇرغانلىقى، نۆۋەتتە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ يەنە 5 ھۇجۇمچىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نەق مەيدانىدىكى خىتاي يولچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۈتۈنلەي قارا كىيىنگەن بىر توپ كىشى قوللىرىدا خەنجەرلەرنى كۆتۈرگەن ھالدا پويىز بېكىتىدىكى كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئالدىغا كەلگەننى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغان.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ج خ ئورگانلىرىدىن ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

شىنخۇا ئاخباراتىدا بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى ھازىرچە ئېنىقلانمىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ھۇجۇمنى «شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى گۇرۇھلار تەشكىللىگەن» بولۇشى مۇمكىن دەپ، كۆرسىتىلگەن ۋە بۇلار «تېررورچى» دەپ ئاتالغان.

يەكشەنبە كۈنى خىتاي ساقچىلىرى كۈنمىڭدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا - قويۇق يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن كۈنمىڭدىكى خىتاي ئاھالىلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەيدانغا چىققان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان بىر يەرلىك خىتاي ياش جياڭ: «بىز بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى قوغلاپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا يول قويۇشىمىز كېرەك» دېگەن. ئەمما خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگەن.

كۈنمىڭدىكى شيې فامىلىلىك بىر ئاشپەز بۇ ھۇجۇمچىلارنى ئېغزىنى بۇزۇپ تىللىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق ئىپادىلىگەن ۋە: «بۇ، ئۇلارغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ مەھسۇلى. شى جىنپىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇلارغا قارىتىلغان بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئۇلار بېسىم دەردىدە ياشاشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا شۇنداق قىلدى.»

ئىككى ھەقتە ئىلگىرى ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 11 ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.