لوندون ۋە ئوسلو شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.02.05
namayish-oslo.jpg 5-فېۋرال كۈنى «غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 5-فېۋرال، ئوسلو.
RFA/Erkin Tarim

5-فېۋرال كۈنى «غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22-يىللىقىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندون بىلەن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

مەركىزى گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە بولغان «مىللىي گۆرۈش»، يەنى «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2-فېۋرالدىن باشلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا، جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش تەشكىللىدى. بۈگۈن «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىرلىكتە خىتاينىڭ ئوسلودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشقا «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتىنىڭ ئوسلو شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مەمەت تەمەل ئەپەندى، د ئۇ ق رەھبەرلىرى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

«مىللىي گۆرۈش»، يەنى «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتىنىڭ ئوسلو شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مەمەت تەمەل ئەپەندى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ ئوسلو شۆبىسى ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ تۇرۇپتىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە نامايىش قىلىۋاتىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاينىڭ بېسىمى 40-50 يىلدىن بۇيان داۋاملاشماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىتى ۋە دىنى خىتايغا ئوخشىمىغاچقا ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىماقتا. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي زۇلۇمى چىدىغۇسىز ھالغا كەلدى. بىز خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۈگۈن نامايىش قىلىۋاتىمىز».

5-فېۋرال كۈنى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى بەختىيار ئەپەندى بىلەنمۇ تېلېدون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى پاتىگۈل غوپۇر خانىم ھاۋانىڭ ناھايىتى سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، كۆپ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

5-فېۋرال كۈنى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىمۇ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش شۇنداقلا خىتاينىڭ ھازىر تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەددىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى كەرەم زاھىر ئەپەندى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

كەرەم زاھىر ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشقا، ئۇيغۇر، تۈرك، تاتار، ئىنگلىزلاردىن بولۇپ 120 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە بۇ قېتىمقى نامايىشقا بەزى ئىنگلىز سىياسەتچىلەرمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تۈرلۈك تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، جاراڭلىق شوئارلار بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، بېسىمنى توختىتىشقا چاقىرغان. لوزۇنكىلارغا كىشىلەر «خىتاي ئۇيغۇرلارنى تۇتۇشنى توختاتسۇن، خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىسۇن، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.