پىچان لۈكچۈندىكى ساقچىخانىغا ئوت قويۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 45 كىشى ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.06.27
pichan-lukchun-weqesi-saqchi-pidaiy.jpg پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 26-ئىيۇن.
t2.qpic.cn/mblogpic

بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ئوت قويۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە يەرلىك دائىرىلەر ۋە ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئاز دېگەندە 35 كىشى، ھۇجۇمچىلاردىن 11 كىشى ئۆلگەن.

تۈنۈگۈن ئۆلۈم مۇراسىملىرى ئۈچۈن  35 كېپەن سېتىۋېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بىر مەھەللە ئىمامىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىكىدە قويۇلۇپ بولغان. ئەمما ھۇجۇمچىلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتى تېخى بىر تەرەپ قىلىنمىغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ھۇجۇمچىلاردىن ئامان قالغانلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن  تۈنۈگۈن چۈش مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانى لۈكچۈندە چارلاش ئېلىپ بارغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇردىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلايسىلەر:

******
مۇخبىر: بۇ پىچان بازارلىق ساقچىخانىمۇ؟
خادىم: شۇنداق، بازارلىق ساقچىخانا.
مۇخبىر: ئەمىسە ماڭا جىداۋيۈەننى چاقىرىپ بېقىڭ.
خادىم: جىداۋيۇەن ھۈسەن سادىق، تېلېفونى......

*******
مۇخبىر: جىداۋيۈەن ھۈسەن سادىقمۇ؟
ساقچى: شۇنداق، مەن شۇ؟
مۇخبىر: مۇقىملىق تەدبىرلىرى قانداقراق ئېلىنىۋاتىدۇ؟
ساقچى: شۇ، ئۆي ۋە يول تەكشۈرەۋاتىمىز، نۆۋەتتە تۇرۇۋاتىمىز.
مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلگەن بولدى؟
ساقچى: بۇ ئىشلارنى ھېچقانداق ئادەمگە دېمەڭلار دېگەن، شۇڭا ناھىيىلىك قوماندانلىق شتاپىدىن سوراڭ.

*******

مۇخبىر: ۋەي بۇ لۈكچۈنمۇ؟

ئاھالە: شۇنداق، بۇ لۈكچۈن.
مۇخبىر: لۈكچۈندىكى ۋەقە ھەققىدە نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭلار؟
ئاھالە: پىچاندىكى ئۇرۇق ‏- تۇغقانلار تېلېفون قىپتىكەن، سىلەر تەرەپتىن دوختۇرخانىغا يارىدارلارنى ئەكىلىۋاتىدۇ، ئامانمۇ سىلەر دەپ،  بىز تىنچ-ئامان دېيىشتۇق.
مۇخبىر: تۇققانلىرىڭلار نېمە دەپ ئاڭلاپتۇ، نېمە دېدى؟
ئاھال ە: 40 نەچچە ئادەم ئۆلۈپتۇ دەپ ئاڭلاپتۇ.
مۇخبىر: ئۆلگەن بۇ 40 نەچچە ئادەم ئوقتا ئۆلگەنلەرمىكەن، ئوتتىمۇ ياكى پىچاقتىمۇ؟
ئاھالە: ھەممىسى ئوخشايدۇ.
مۇخبىر: ۋەزىيەت قانداق ھازىر لۈكچۈندە؟
ئاھالە: چارلاش-تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئۆيدىن تالاغا چىقالمىدۇق.
مۇخبىر: نېمىلەرنى كۆردىڭىز چارلاش ئىشلىرىدىن؟
ئاھالە: چۈشلەر بىلەن گۈرۈلدەپ ئاۋاز چىقىپ كەتتى، سىرتقا چىقىپ قارىسام، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىكەن. بۇنداق پەس ئۇچقاننى كۆرمىگەنتىم؛ دەرەخ بويىلام ئۇچتى.
مۇخبىر: ئۇنداقتا، ئامان قالغان گۇماندارلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان تىك ئۇچار ئوخشىمامدۇ؟
ئاھالە: شۇنداق چېغى، ئايروپىلاننى ساي تەرەپكە چۈشتى دېيىشتى، ساي بىزدىن يىراق بولغاچقا، ئۇ يەردە نېمە ئىش بولغىنىنى ئۇقمىدۇق.

********
مۇخبىر: بۈگۈن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنى يەرلىكىدە قويغان  ئىمام سىز بولامسىز؟
ئىمام: ھە، مەن شۇ؟
مۇخبىر: سىز قانچە كىشىنىڭ دەپنە مۇراسىمىگە قاتناشتىڭىز؟
ئىمام: بىزنى بىرقانچە يەرگە بۆلۈۋەتتى، مەن ئۈچىگە باردىم.
مۇخبىر: ۋەقەدە جەمئىي قانچە كىشى ئۆلۈپتۇ؟
ئىمام: قانچە كىشى ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرمىدى، كېپەننىڭ سانىغا قارىغاندا 35 .
مۇخبىر: تۈنۈگۈن 35 كىشىنىڭ دەپنە مۇراسىمى بولدىمۇ؟
ئىمام: شۇنداق.
مۇخبىر: ھەممىسى سىلەرنىڭ مەھەللىدىنمۇ؟
ئىمام: ياق، كارىز، مۇقام، دۆلەتباغ قاتارلىق.....
مۇخبىر: ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار قانچە ئىكەن؟
ئىمام: 7 ‏-8 ى بار ئوخشايدۇ.
مۇخبىر : ئۆلگۈچىلەر كىملەر ئىكەن؟
ئىمام: يىغىندا ئۇقتۇرۇلۇشىچە، كۆپىنچىسى ساقچى - مىنبىڭ.
مۇخبىر: ۋەقەنىڭ جەريانىنى قانداق دەپ ئۇقتۇردى؟
ئىمام: ئاۋۋال ساقچىخانىغا ئوت قويۇپتۇ، ئاندىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە.
مۇخبىر: سىز دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان ساقچى قانداق ئۆلتۈرۈلۈپتۇ؟
ئىمام: قوينى ئۆلتۈرگەندەكلا ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ، بوينىدىن كېسىپ.
مۇخبىر: بوغۇزلىنىپتۇ-دە ئەمىسە؟
ئىمام : شۇنداق، بوغۇزلىنىپتۇ.
مۇخبىر: گۇماندارلارنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىغا باردىڭىزمۇ؟
ئىمام: ياق، ئۇ ۋاھابىيلار بىلەن بىزنىڭ چاتىقىمىز يوق، ئۇلارنىڭ جەسىتى ساقچىنىڭ قولىدا.
مۇخبىر: ئۇنداقتا سىز دېگەن 35 كېپەن پەقەت ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگەنلەر ئۈچۈنلا تەييارلانغان ، شۇنداقمۇ؟
ئىمام: شۇنداق.
مۇخبىر: كېپەنلەرنى سىز نەدە كۆردىڭىز، كىملەر بىلەن كۆردىڭىز؟
ئىمام: يېزىلىق بىرلىكسەپ خادىمىنىڭ ئۆيىدە، ۋىلايەتلىك ساقچى ۋە ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن باشلىقلارمۇ بار.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ۋەقەدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئاز دېگەن 35 كىشى، پىدائىيلاردىن 11 كىشى ئۆلگەن. پىچاندىكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.