مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىدىكى 4 ھۇجۇمچىنىڭ ئاكا-ئۇكا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاي تەرەپ 12-ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ساقچى ۋە ئەمەلدارلاردىن ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 18 ۋە پىدائىيلاردىن 4 نەپەر بولۇپ جەمئىي 22 كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ۋە بۇ خەۋەر خەلقئارا ئاخباراتلاردا كەڭ-كۆلەمدە كۆچۈرۈلۈپ تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا، مەزكۇر ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بىر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلاردىن ئىككىسى ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار، ئەمما يەنە بىر ساقچىخانا باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە سادىر قىلغان 4 ھۇجۇمچىنىڭ ھەممىسىلا ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار بولۇپ، ئۇلار ئوسمان مۆمىن، ئاۋۇت مۆمىن، مامۇت مۆمىن ۋە ئەيسا مۆمىن قاتارلىقلاردۇر.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.