ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قەشقەر شەھىرىدە 18-چېسلا كۈنى كادىرلار يىغىنى چاقىرىپ 8 دېلودىكى 15 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى بىرتەرەپ قىلىش قارارىنى ئۇقتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 5 نەپەر ئۇيغۇر كادىر يىغىندا ئۆزىنى تەكشۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم قەشقەردە مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەن بۇ 15 نەپەر كادىرغا «سىياسىي مەيدانى ئېنىق ئەمەس، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە بولغان تونۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئاكتىپچانلىقى، مۇقىملىققا بولغان قارىشى، پوزىتسىيىسى، مەيدانى ئېنىق ئەمەس، دۆلەت كادىرلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاشكارا ھالدا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، قاتتىق زەربە بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەردە قاتتىق قوللۇق قىلمىغان» دېگەندەك قالپاقلار كىيدۈرۈلگەن.
بىز بۇ توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 15 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى جازالىشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا دىنىي ئېتىقادتىن چېكىنىش ھەققىدە قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر دەپ كۆرسەتتى.
شۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇللا ئەھەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 15 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى جازالىشى، خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئورتاق دۈشمەن دەپ قارايدىغان ھەقىقىي ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.