مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.03.09
Munewwer-Ozuyghur-Xanim-Turkiye-Reis-Jumhuri-Bilen-01.JPG مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان يىغىلىشتا. 2018-يىلى 7-مارت. ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن 7-مارت كۈنى ئەتىگەندە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى كومىسسىيونىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر سەردار ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئاياللار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى.

مەزكۇر قوبۇلدا مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم دۆلەت رەئىسىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «دۆلەت رەئىسى 55 دۆلەتتىن كەلگەن ئايال ۋەكىللەر، 7 نەپەر مىللەت ۋەكىلى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى نېلسۇن ماندېلانىڭ كېلىنى ۋە نەۋرىسىنى قوبۇل قىلدى. بىزنى چۈش سائەت 12 دىن 12 يېرىمگىچە قوبۇل قىلدى.»

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نۇقتىلىق ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە توختالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «رەئىس جۇمھۇر ئەردوغان نۇقتىلىق ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا توختالدى.»

ئۇ، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىسقا سۆز قىلغاندىن كېيىن ئاياللارنى سۆزگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە مەن شۇلارنى دېدىم. مەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاۋازى بوغۇلۇپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى مەزلۇملارنىڭ دەردىنى ئاڭلاتقان ۋاقتىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدىم.»

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم 7-مارت كۈنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خانىمى ئەمىنە خانىم بىلەن بىرلىكتە ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەمىنە ئەردوغانغا كۆك بايراقتا ياسالغان شارپا سوۋغات قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قوبۇل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەمىنە ئەردوغان خانىمغا شارپا سوۋغات قىلدىم. سىز بىلەن بۇرۇنمۇ كۆرۈشكەن ئىدۇق، بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ دەپ شارپىنىڭ ئۈستىدىكى ئايال قەھرىمانىمىز نۇزۇگۇم توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. ئەمىنە خانىم پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا سالام دەڭ، ئاللاھ ياردەم قىلسۇن دېدى.»

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغىمۇ كۆك شارپا تەقدىم قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن پاكىستانلىق ئايالدىن كېيىنلا رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا شارپا بېرىۋېتىپ، ‹بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ› دېدىم، دۆلەت رەئىسىمۇ ‹ئىنشائاللا› دەپ جاۋاب بېرى.»

ئىگىلىشىمىزچە، 110 ئەتراپىدىكى خانىم-قىزلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى 7-مارت چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيونىنىڭ باشلىقى ئۆمەر سەردار ئەپەندى بىلەن پارلامېنت ئەزاسى فاتما بەن خانىم قوبۇل قىلغان. مەزكۇر ئۇچرىشىشتا 3 ئايال سۆز قىلغان بولۇپ، بۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر ئايال مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيونىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئايال ھەيئەتلەر ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچى مەرزىيە كېرەم خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ كۆرۈشكەنلىكىنى، بۇنىڭ مىللىي دەۋا ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى كومىسسىيونىغا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشنىڭ زور ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى كومىسسىيونىنىڭ باشلىقى ئۆمەر سەردار ئەپەندىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، يىغىندا بولغانلىق سەۋەبىدىن تېلېفونىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مۇنبىرىگە ۋاكالىتەن بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.