خوتەندىكى ساقچىخانا ئوقۇغۇچى مۇتەللىپ ئىمىننىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.12.04
mutellip-imin-uyghurbiz-bashqurghuchi.jpg ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدا غايىب بولغان تور باشقۇرغۇچىسى مۇتەللىپ ئىمىن. (يېقىنقى سۈرىتى)
www.uighurbiz.net

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتى مۇتەللىپ ئىمىن، بۇ يىل 7‏-ئايدا خىتاي ج خ دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنىپ، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز 79 كۈن نەزەربەند قىلىپ قويۇلغان ئىدى. ئۇ، بۇ يىل 10-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ئۇنىڭ كىملىك ۋە پاسپورتىنى تارتىۋالغان.

مۇتەللىپ ئىمىن، 1‏-دېكابىر ئۆزىنىڭ قانۇنسىز نەزەربەند قىلىنغانلىقى، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ۋە پاسپورت، كىملىك، كومپيۇتېر قاتارلىق شەخسى ئەشيالىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق خوتەن لوپ ناھىيىسىنىڭ بۇيا يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا ئەرز قىلغان. ساقچى پونكىتىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ساقچى پونكىتى ئۇنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، دېلو تۇرغۇزۇش ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان. «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر مۇتەللىپنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، بىراق ساقچى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە يېتەرلىك پاكىت يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئەھۋالغا بىز دېلو تۇرغۇزالمايمىز، چۈنكى دېلو تۇرغۇزۇشقا يېتەرلىك پاكىت يوق، دەپ كۆرسەتكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن لوپ بۇيا يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بىز بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلىشەلمەيدىكەن.

مۇتەللىپ ئىمىن، بۇ يىل 10‏-ئايدا قويۇپ بېرىلىپ، لوپ ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ ئىزچىل پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن.

ئۇ يېقىندا خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ج خ دانىلىرىنى ئۆزىگە پاراكەندىچىلىك سالماسلىققا، ئەگەر پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختاتمىسا، ج خ دائىرىلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

مۇتەللىپ يەنە، ئۆزىنىڭ شىكايىتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئەرزى-شىكايەت تور ساندۇقى ۋە نازارەت نازىرىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىدا ئېلان قىلغان.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ ھەر ئىككى خەت ساندۇقىدىكى شىكايىتى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

بىراق، مۇتەللىپنى قايسى خىتاي ئامانلىق ئورگاننىڭ نەزەربەند قىلغانلىقى سوئال پەيدا قىلغان.

مۇتەللىپ ئىمىننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ خادىملىرى بېيجىڭ ئايرودرومىدا توختىتىۋېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان. بېيجىڭ تاموژنىسىدىكى ساقچىلار ئۇنى ئىستانبۇل سەپىرىدىن توختىتىۋالغاندا ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ سوراق قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇتەللىپ يەنە، ئۇنى ئۈرۈمچىدە سوراق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ج خ نازارىتىنىڭ خادىمى، دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بىراق، بۇيا يېزىلىق ساقچى پونكىتى ئۇنىڭ ج خ نازارىتى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغانلىقى گۇمانلىق، دەپ قارىغان. بۇيا ساقچى پونكىتىدىكىلەر ئۇنىڭ تۈرمىگە سولانمىغانلىقى ياكى رەسمىي ئورگان تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇۋاھچىلارنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر ساقچى ئېھتىمال مۇتەللىپنى دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتى نەزەربەند قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر ج خ ئورگىنى تۇتقان بولسا يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغانلىقى، بىراق مۇتەللىپ خوتەن ئايرۇدۇمىغا چۈشۈپ ئۆيىگە يېتىپ بارغانغا قەدەر ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە بۇيا ساقچى پونكىتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2012‏-يىلى ماقۇللىغان «خىتاي جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىدە خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، تېررورلۇق، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئامانلىق ئورگانلىرىغا تۇتقۇنلارنى ئۇزۇن مەزگىل سوئال-سوراقسىز تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن. بۇ قانۇن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ قانۇننىڭ نۇقتىلىق ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاكتىپلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

مۇتەللىپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ قويۇپ بېرىلىپ ئۇنى خوتەنگە ياللاپ بېرىشكە مەسئۇل كىشىلەر ئۆزىنى ج خ ئىدارىسىنىڭ خادىمى، دەپ تونۇشتۇرغان. ئۇنىڭ كىملىكىنى تارتىۋالغان ئېلى ئىسىملىك كىشى بولسا مۇتەللىپكە تېلېفوندا ئۇنىڭ كىملىكى ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىشكاپىدا قۇلۇپلاقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇتەللىپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ قويۇپ بېرىلىپ ئۇنى خوتەنگە ياللاپ ئېلىپ بېرىشكە مەسئۇل كىشىلەر ئۆزىنى «ج خ ئىدارىسىنىڭ خادىمى» دەپ تونۇشتۇرغان. ئۇنىڭ كىملىكىنى تارتىۋالغان ئېلى ئىسىملىك كىشى بولسا مۇتەللىپكە تېلېفوندا ئۇنىڭ كىملىكى ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىشكاپىدا قۇلۇپلاقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، بۇيا ساقچى پونكىتى مۇتەللىپنى نەزەربەند قىلىش رەسمىي ئورگانلارنىڭ ئىشى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلو تۇرغۇزۇشنى رەت قىلغان.

بويا ساقچى پونكىتىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇشنى رەت قىلىشتىكى يەنە بىر سەۋەبى مۇتەللىپنىڭ نوپۇس تەۋەلىكىدۇر. ساقچى پونكىتى «سەن بۇ يەرلىك ئەمەس، سېنىڭ نوپۇسۇڭ بېيجىڭدا» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.