نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش سادالىرىنى ياڭراتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوغۇزخان
2018.02.07
norwegiye-bextiyar-namayish-5-fewral.jpg نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشىدا سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 5-فېۋرال، ئوسلو.
RFA/Oghuzxan

5-فېۋرال كۈنى ئاپئاق قار لىباسىغا چۆمۈلگەن شىمالىي ياۋروپادىكى نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق سادالىرى يەنە ياڭرىدى.

شۇ كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلغان ئۇيغۇر نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، بۇنىڭدىن 21 يىل بۇرۇنقى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلىدى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى نامايىش نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى، «نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا پايتەخت ئوسلو ۋە يېقىن ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن 60 قا يېقىن كىشى قاتناشتى.

نامايىشتا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ياسىغان لوزۇنكا ۋە پلاكاتلار نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن قوشۇلۇپ نامايىش مەيدانىنى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى نامايىش باشلىنىشى بىلەن سۆز قىلىپ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى ھەمدە شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلارغا ماتەم بىلدۈردى.

نامايىش داۋامىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، نامايىشقا قاتناشقان جامائەتكە رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە قولىدىن نېمە كەلسە ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن شۇنى قىلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

نامايىش ئاخىرىدا «نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئۆمەر ھاجىم سۆز قىلىپ، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنىڭ مەيلى مىللىي ياكى دىنىي مەسئۇلىيەت جەھەتتىن بىر بۇرچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جامائەت ئوسلودىكى «نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ مەسچىتىدە جەم بولۇپ، مەرھۇم دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدى.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.