تۇتقۇندىكى دوكتور نۇرئەلى شاھياقۇپنى ئۇنىڭ چەتئەللىك ساۋاقدىشى سۈرۈشتە قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان چوڭ تىپتىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ بىر ياندىن كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر، داۋانچىڭ.
ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان چوڭ تىپتىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ بىر ياندىن كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر، داۋانچىڭ.
REUTERS

2013-يىلى گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن فادى زاتارى تەرىپىدىن يېزىلغان «مېنىڭ ئۇيغۇر دوستۇم، سەن قەيەردە» سەرلەۋھىلىك ماقالە 14-دېكابىر كۈنى «مۇفتاخ تورى» دا ئېلان قىلىنغان.

ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر دوستىغا بولغان سېغىنىشى ۋە ئېچىنىشى ئىپادىلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقىدەك پاجىئەلىك قىسمەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىنغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئەيىبلەنگەن بۇ تەسىرلىك ماقالە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، دىققەت قوزغىدى.

ئاپتور فادى زاتارى ماقالىسىدە 2012-يىلى فرانكفۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تونۇشقان، كېيىنچە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن مەكتەپدىشى ۋە ئۇيغۇر دوستى نۇرئەلى شاھياقۇپنىڭ 2018-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ نۇرئەلىدەك بىر ئىلىم ئادىمىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەقەسىگە قارىتا ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.

فادى زاتارى ماقالىسىدە ئۇيغۇر دوستى نۇرئەلى بىلەن 2012-يىلى گېرمانىيەدە خوشلاشقاندىن كېيىن بىر مەزگىلگىچە ئىككىيلەن ئارىسىدا نورمال ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى، ئەمما كېيىنكى مەزگىللەردە ئالاقىسى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ، دوستىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى يازىدۇ. «نۇرئەلى 2012-يىلى گېرمانىيەدىن كەتكەن ۋاقىتنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەكلا بۇزۇلىدۇ. مەن ئۇنى ئايرودرومغا ئاپىرىپ قويغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەر تىلىگەن ئىدىم. بىزنىڭ ئالاقىمىز بىر مەزگىل داۋاملاشقان ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 2013-يىلى نۇرئەلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكتور بولۇپ ئىشلىدى. ئوخشاش بىر يىلدا مەنمۇ تۈركىيەگە قايتىپ كەلدىم. ئۇ مېنى يوقلاپ ئىستانبۇلغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغان ئىدى. ئەمما 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئالاقىمىز ئۈزۈلدى. مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن قېتىم خەت يازغان، تېلېفونلار قىلغان بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن جاۋاب كەلمىدى. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ فېيسبوك ۋە تىۋىتتېر ھېسابلىرىمۇ تاقالدى. مەن نۇرئەلىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ‹نېمە ئۈچۈن نۇرئەلى مەن بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ؟› دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشتىم. بەزىدە ئۇنىڭدىن خاپا بولساممۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم.»

ئۇ دوستى نۇرئەلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان چاغدىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «22-نويابىر پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن مەن ئۇزۇن مەزگىل ئالاقىسىز قالغان نۇرئەلىنىڭ خەۋىرىنى ئالدىم. ‹2016-يىلى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى› ناملىق تىزىملىكتە ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە يۈرىكىمگە ئوق تەگكەندەك ئازابلاندىم.»

فادى زاتارى ئۆزىنىڭ نۇرئەلى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، تارىخى، ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزى ئىلگىرى بىلمەيدىغان نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ نۇرئەلىگە ئوخشاش بىلىمخۇمار بىر تالانت ئىگىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن جازالىنىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەيدۇ:

«نۇرئەلى ناھايىتى تالانتلىق، تىنچلىقپەرۋەر، ئەمما ئۆزىگە خاس سىياسىي قارىشى بار بىرى ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ بىرىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن. نۇرئەلى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا ئادالەتسىز ۋە كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز ھالەتتە. ئەلۋەتتە، مەنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇنداق جازالاش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن.»

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر خىل يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش مەزگىلىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەردىن يىراقتا تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇلارغا ئەگەردە ئوقۇشىنى تۈگىتىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلسە، يۇقىرى مائاش ۋە ياخشى خىزمەت بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇ سەۋەبتىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نۇرئەلى شاھياقۇپقا ئوخشاش زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كېتىش يولىنى تاللىغان. ئەمما خىتاي بۈگۈنكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىش دولقۇنىدا ئالدى بىلەن ئىلگىرى چەتئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن نۇرئەلىگە ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن ئوبيېكتى قىلغان.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت بويىچە باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتىمۇ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئەگەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار سىياسىتىدە يۇمشاش كۆرۈلسە، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىپ قايتىپ كېتىش ئۈمىدىدە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە جىم تۇرۇۋېلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

فادى زاتارى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا پۈتكۈل مىللەت بويىچە جازالاش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، دۇنيانى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

«لاگېرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدۇ ۋە شۈركۈندۈرىدۇ. تارقىلىۋاتقان ھەر خىل خەۋەرلەردىن ئۇ يەردىكى ئەھۋالنىڭ كىشىلەردە ئېغىر روھى بېسىم پەيدا قىلغانلىقى، نەتىجىدە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. بۇ خىل لاگېرلاردا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى ئەيىبلەشكە، ئاتېئىزمنى قوبۇل قىلىشقا، خىتاي دۆلىتىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىنىدىكەن. ئۇ يەرلەردە ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئاڭلاشقا ۋە مەدھىيەلەشكە مەجبۇر ئىكەن.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ. «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايلارنى ‹كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دەپ ئاتاشماقتا. ئۇلار بۇ جايلاردا ‹تېررورلۇق ئىدىيەلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنىۋاتىدۇ› دېيىشمەكتە. ئەگەر بۇ ھەقىقەت بولسا، ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ جايلارنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تاراتقۇلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدۇ؟»

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەزكۇر ماقالىدە دېيىلگىنىدەك ئەڭ ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارغا قامىغان مىليونلارچە ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئارىسىدا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۇغقانلىرى بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ خىل ئەھۋالدا ھەرقايسى دۆلەتلەردە يەرلىشىپ قالغان ياكى ئوقۇش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى شارائىتتا جىم تۇرۇۋېلىش يولىنى ئەمەس، بەلكى لاگېرلارغا قامالغان قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئىسپات بېرىش، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش يولىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شۇنداق قىلغاندىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارىتا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئىمكانىيىتى بولىدىغانلىقىنى ۋە تېخىمۇ زور قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئاۋۋال «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان. كېيىن ئۇلارغا «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بار»، «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى بار» دېگەندەك خىلمۇ-خىل جىنايەتلەر ئارتىلىپ، مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەرگەن ئىسپاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئىلگىرى ئوقۇش ۋە ساياھەت ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىققان ياكى بالىلىرىنى چەتئەللەردە ئوقۇتقان ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت