ئامېرىكا پرەزىدېنتى بارراك ئوبامانىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتى ھارپىسىدا سكاندىناۋىيە ئەللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز پائالىيەتلىرىنى جىددىيلەشتۈردى. 31 - ئاۋغۇست، يەنى شەنبە كۈنى چۈھتىن كېيىن «2008 خىتابنامىسى» تەشكىلاتى ستوكھولمدىكى ئابف - سارىيىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمىسىنى قانات يايدۇردى.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى مەسىلىسى ئالاھىدە تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى تېررورىزىمغا قارشى ئومۇمىي كەيپىياتتىن پايدىللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي كۈرەشلىرىنى قانداق باستۇرغانلىقى، گۇئانتاناموغا ناھەق قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى مەسىلىسىنىڭ تاكى ھازىرغىچە تەل - تۆكۈس ھەل بولمىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى.

مەھمەت قاپلان سۆزىدە گۇئانتانامو تۈرمىسىگە ناھەق قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ گەرچە «گۇناھسىز» لىقى ئېلان قىلىنىپ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تېخىچە نورمال ئىنسانلارغا خاس ھەق - ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمان بولالمىغانلىقى، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى 3 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ھازىرمۇ گۇئانتانامودا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن بايان قىلدى.
مەھمەت قاپلان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئوبامانىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار شۇنداقلا ئاخبارات ۋە تۈرلۈك تاراتقۇلارنىڭ بېسىمى ئارقىلىق گۇئانتانامو تۈرمىسىنىڭ تەلتۆكۈس تاقىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەھمەت قاپلان سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.ئۇ سۆزىدە بارراك ئوبامانىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە شىۋېتسىيەگە دۆلەت زىيارىتىگە كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دائىر بىر قىسىم تەكلىپ - پىكىرلەرنى تەييارلاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئەڭ ئاخىرىقى 3 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە باش مىنىستەر فرىدرەك رايىنفېلتنىڭ ئوباما بىلەن بولغان كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇئانتانامو مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىڭ ئاڭلىغايسىز.
يىغىن رىياسەتچىسى مەزكۇر مۇھاكىمىنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇئانتانامو تۈرمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تارىخىدىكى بىر قارا داغ ئىكەنلىكىنى، ئوباما تەختكە چىقىپمۇ ئۆز ۋەدىسىنى تەخىچە ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا داڭلىق زھۇرنالىست ۋە يازغۇچى لېنا سۇندسترۆم، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق دائىمىي ھەيئىتى توماس ھامماربەرگ، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ماتتىئاس گاردېل ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان قاتارلىق كىشىلەر مەخسۇس تېمىلار بويىچە سۆز قىلدى. بولۇپمۇ پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلاننىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.