يەكەندە يۈز بەرگەن 26 - سېنتەبىر ئودانلىق ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.10.10
urumchi-herbiy-basturush-2013.jpg خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرگۈزگەن برونېۋىكلىرى. 2013-يىلى 29-ئىيۇن.
AFP


ئاشكارىلىنىشىچە، 26 - سېنتەبىر كۈنى يەكەن ناھىيەسى ئودانلىق يېزىسىنىڭ خانكۆۋرۈك ۋە راۋاتئۆستەڭ قاتارلىق كەنتلىرىدە ۋەقە يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ساقچىلار بومبا ياساش گۇمانى بىلەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تۇرۇۋاتقان ئۆيىدە قورشاۋغا ئالغان.

ساقچىلار قورشاۋ داۋامىدا گۇماندارلارغا قارىتىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىر قىسىمىنى يارىلاندۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ھەپتە، يەكەننىڭ ئودانلىق يېزىسى قاتارلىق جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە خىتاي ساقچىلىرى پۇقرالارغا ئوق چىقىرىپ 7 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلغان ئىدى. رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمى بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە دائىرىلەر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئودانلىق يېزىسىدىكى ساقچى ۋە كەنت مەسئۇللىرىغا تېلېفون قىلىپ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى.

1

مۇخبىر: ئودانلىقتا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟

ئاھالە: ئىش چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق، تەپسىلاتىدىن خەۋىرىمىز يوق.

مۇخبىر: قەيەردە ئىش چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىدىڭلار؟

ئاھالە: ئىشنى 21 - دادۈي بىلەن 16 - دادۈيدە چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق.

مۇخبىر: نامى نېمە ئۇ كەنتلەرنىڭ؟

ئاھالە: 21 - كەنت دېگىنىمىز خانكۆۋرۈك، 16 - كەنت دېگىنىمىز راۋاتئۆستەڭ.

2

مۇخبىر: يېزاڭلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن خەۋىرىڭلار بولدىمۇ؟

ئاھالە: بىر بىر قىسىم بۆلگۈنچىلەرنى بايقاپ تۇتۇپتۇ دەڭ ئاڭلىدۇق.

مۇخبىر: ئاڭلىشىڭلاردا ۋەقە قانداق باشلىنىپ قانداق ئاخىرلىشىپتۇ؟

ئاھالە: ئەسلىدە ئۇلار) گۇماندارلار( 4 - كەنتتە بىر ئۆيدە توپلىشىپ تۇرۇۋاتقانكەن، كېيىن ئۇلار خانكۆۋرۈككە كۆچۈپتۇ، شۇ جەرياندا ساقچىلار بايقاپ قېلىپ، شۇ ئۆينى قورشاۋغا ئېلىپ تۇتۇپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق.

مۇخبىر: دېمەك گۇماندارلار 4 - كەنتتىن 21 - كەنتكە) خانكۆۋرۈككە( كۆچۈش داۋامىدا پاش بوپتىمۇ؟

ئاھالە: ھە، شۇنداق دەپ ئاڭلىدۇق.

مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە ئادەم ئۆلۈپتۇ، قانچىسى يارىلىنىپتۇ؟

ئاھالە: ئۆلۈپتۇ دەڭ ئاڭلىدۇق، ئەمما قانچىسى ئۆلگىنىنى بىلمىدۇق.

3

مۇخبىر: بۇ ئودانلىق ساقچىخانىسىدىن ساقچى نۇر ئېلىمۇ؟

ساقچى: شۇنداق، مەن شۇ.

مۇخبىر: خانكۆۋرۈكتە يۈز بەرگەن ۋەقەدە سىزمۇ ۋەزىپە ئۆتىدىڭىزمۇ؟

ساقچى: مەن ئەتىسى شۇ يەرنى مۇداپىئە قىلغىنى چىقتىم.

مۇخبىر: نەق مەيداندا نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟

ساقچى: مەن ئاساسلىقى شوپۇرلۇق قىلدىم، نېمە ئىش بولغىنى تەپسىلىي بىلىپ كەتمىدىم.

مۇخبىر: ۋەقەدىن قانداق خەۋەر تاپتىڭىز؟

ساقچى: ۋەقە پەيشەنبە كۈنى كەچتە يۈز بېرىپتۇ، مېنى ئەتىسى چاقىرىپتۇ، مەن ماشىنا بىلەن سوجاڭنى) ساقچىخانا باشلىقى( ئېلىپ چىقتىم.

مۇخبىر: قانچە ماشىنىدا قانچە كىشى چىقتىڭلار؟

ساقچى: بىز 3 ماشىنىدا 15 - 16 كىشى چىقتۇق، بىز چىقساق ناھىيەنىڭ ساقچىلىرى بار ئىكەن.

مۇخبىر: ۋەقە قانداق باشلىنىپ قانداق ئاخىرلىشىپتۇ؟

ساقچى: ئۇنى مەن ئۇقمىدىم، مەن پەقەت ئېتىشىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.

مۇخبىر: قارشى تەرەپنىڭ قولىدا قورال بارمىكەن؟

ساقچى: يوق.

مۇخبىر: ئۇنداقتا قانداق ئېتىشقان بولىدۇ؟

ساقچى: ياق، ئېتىپتۇ دېدىم.

مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلۈپ قانچە كىشى يارىلىنىپتۇ؟

ساقچى: ساقچىلاردىنمۇ؟

مۇخبىر: شۇنداق.

ساقچى: ساقچىلاردىن يارىلانغان يوق.

مۇخبىر: گۇماندارلاردىنچۇ؟

ساقچى: ئۇنى مەن بىلمىدىم.

مۇخبىر: راۋاتئۆستەڭدىكى ۋەقەگە سىز قاتناشتىڭىزمۇ ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن؟

ساقچى: ياق. ئۇنىڭغا مەن بارمىدىم.

مۇخبىر: راۋاتئۆستەڭ بىلەن خانكۆۋرۈكتىكى ۋەقەنىڭ قايسى بۇرۇن يۈز بېرىپتۇ؟

ساقچى: خانكۆۋرۈكتىكى يۈز بېرىپ 4 كۈندىن كېيىن راۋاتۆستەڭدىكى يۈز بەردى.

4

مۇخبىر: سىز 24 - كەنتنىڭ پارتكوم سېكرىتارىغۇ دەيمەن؟

سېكرېتار: شۇنداق، مەن شۇ.

مۇخبىر: خانكۆۋرۈكتە يۈز بەرگەن ۋەقە نېمە ۋەقە ئۇ؟

سېكرېتار: شۇ ۋەتەننى پارچىلايدىغان بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئىشى.

مۇخبىر: ۋەقەنىڭ باش ئاخىر قانداق بولدى؟

سېكرېتار: مەن نەق مەيداندا يوق، ساقچىلار بىر تەرەپ قىلدى، بىز پەقەت ساقچىلارغا ماسلىشىپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىشلىدۇق.

مۇخبىر: ۋەقەنى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقتى دەپ ئاڭلىدىڭىز؟ گۇماندارلار نېمە ئىش قىلغان ئىكەن؟

سېكرېتار: بومبا ياسىغان ئىكەن.

مۇخبىر: خانكۆۋرۈكتىكى ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلدى دەپ ئاڭلىدىڭىز؟

سېكرېتار: 3 كىشى.

مۇخبىر: يارىلانغانلارچۇ؟

سېكرېتار: ئۇنى بىلمەيمەن.

مۇخبىر: راۋاتئۆستەڭدىكى ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلۈپ قانچە كىشى يارىلاندى؟

سېكرېتار: ئۇ سانلارنى بىلمەيمەن.

مۇخبىر: بولمىسا شۇ جايدا ۋەقە يۈز بەرگىنىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

سېكرېتار: خەۋىرىم بار.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا يەكەننىڭ ئودانلىق يېزىسىدا يۈز بەرگەن 26 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.