شاھىت ئۆمەر بېكئالى: «خىتاي ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمىزنى لاگېرغا قامىدى»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.09.21
omer-bekali-ata-anisi.jpg 8 ئايلىق تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى قىيىن- قىستاقلاردىن قۇتۇلۇپ، «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغان ئۆمەر بېكئالىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئاتا-ئانىسى.
RFA/Gülchéhre

8 ئايلىق تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاقلاردىن قۇتۇلۇپ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا قازاقىستاندىكى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن جەم بولغان ئۆمەر بەكئالى ئاخباراتلارغا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىل 5-ئايدا تۈركىيەگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. يېقىنقى كۈنلەردە ئۇنىڭ ئايالى روشەنگۈل كىچىك ئوغلىنى ئېلىپ تۈركىيەگە بارغىنىدا ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىندى.

خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆمەر بېكئالىنىڭ ئائىلىسى ئاخىرى جەم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا خاتىرجەم ئەمەس. چۈنكى ئۆمەر بەكئالى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگېرلارغا سولانغان بولۇپ، خىتاينىڭ تەھدىتى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلارنى خاتىرجەملىككە قويمىغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.