ئوسلودىكى «نوبېل ئەركىنلىك سارىيى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.03.16
sherqiy-türkistanning-nöwettiki-weziyiti-01.JPG ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 16-مارت. ئوسلو، نورۋېگىيە.
RFA/Ekrem
sherqiy-turkistanning-nowettiki-weziyiti-02.JPG

ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 16-مارت. ئوسلو، نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

sherqiy-turkistanning-nowettiki-weziyiti-03.JPG

ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 16-مارت. ئوسلو، نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

sherqiy-turkistanning-nowettiki-weziyiti-04.JPG

ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 16-مارت. ئوسلو، نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

sherqiy-turkistanning-nowettiki-weziyiti-05.JPG

ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 16-مارت. ئوسلو، نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

sherqiy-turkistanning-nowettiki-weziyiti-06.JPG

ئوسلودىكى «نوبېل ئەركىنلىك سارىيى». 2018-يىلى 16-مارت. ئوسلو، نورۋېگىيە. RFA/Ekrem

16-مارت كۈنى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى «نوبېل ئەركىنلىك سارىيى» دا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى» دەپ نام قويۇلغان بۇ قېتىملىق مەلۇمات بېرىش يىغىنى دۇنيادىكى 14 دۆلەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «بىر قەدەم، بىر ئاۋاز» نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن جىددىي بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

يىغىنغا د ئۇ ق رەھبەرلىرى، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ۋەكىللىرى، نورۋېگىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە د ئۇ ق نىڭ «كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇنىي بىلىملەر بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى» غا كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. 

بىز نورۋېگىيەدىكى «نوبېل ئەركىنلىك سارىيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم زاتلارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن نەق مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 

يىغىندا سۆز ئالغان كىشىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى، «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەھشىي زۇلۇملىرىغا نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىشتى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىزھار قىلدى. 
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش» يىغىنىغا كانادادىن كېلىپ قاتناشقان د ئۇ ق مۇھاجىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، «بۇ يىغىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ئەربابلارغا ئاڭلىتىش نۇقتىسىدىن كۆپ ئەھمىيەتلىك بولدى،» دېدى.

يىغىندا سۆز قىلغان نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىپلەشتى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ يىغىن ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. 
«نوبېل ئەركىنلىك سارىيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش» يىغىنى 4 سائەت داۋام قىلدى. يىغىن خاتىمىسىدە قاتناشقۇچىلار ئوپچە سۈرەتلەرگە چۈشۈپ، خاتىرە قالدۇرۇشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.