پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى: قېرىنداشلىرىمىزنى قوراللىقلارنىڭ قولىدىن قوراللىق بېرىپ قۇتقۇزدۇق

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.09.11
asiye-kerim.jpg پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ۋىلايىتىدە قېينىاكىلىرى تەرىپىدىن زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ۋە 4 چىشى ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئاسىيە كېرىم.
RFA

پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ۋىلايىتىدە قېينىاكىلىرى تەرىپىدىن زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ۋە ئۆيىدىن چىقماسلىق ھەققىدە تەھدىت سېلىنغان ئاسىيە كېرىم ۋە 4 پەرزەنتى تۈنۈگۈن پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلغان.

تەشكىلات ئەزالىرىدىن ئەكبەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىشاۋۇر ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاجىز بىر جاي بولغاچقا، يەرلىك ساقچىلار ئاسىيەنى قۇتقۇزۇشقا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن. نەتىجىدە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى تەشكىلات ئەزاسى ۋە پاكىستانلىق قوللىغۇچىلىرى بولۇپ 18 كىشى ئالدىنقى كۈنى يېرىم كېچىدە ئاپتوموبىل بىلەن پىشاۋۇرغا بېرىپ، ئاسىيە ۋە 4 بالىسىنى قامىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن قۇتقۇزۇپ ئاچىققان. بۇ ھەقتە رادىيومىزغا مەلۇمات بەرگەن مەزكۇر تەشكىلات ئەزاسى ئەكبەرجان ئاسىيە ۋە پەرزەنلىرىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلار قوراللىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭمۇ مۇداپىئە مەقسىتىدە نەق مەيدانغا قوراللىق بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.