سېكرېتار ئوغلى سېكرېتار: كومپارتىيەنىڭ يۈزسىزلىكىنى ئەمدى بىلدىم
2014.01.14
خوتەن كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدا ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى يۈز بەرگەن ھامىلىنى قەتلى قىلىش ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن بىرى پارتىيە ئەزاسى. 6 ئايلىق ئوغۇل ھامىلىسى ئانا قارنىدا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئابدۇراخمان مەتتۇردى، ئەينى ۋاقىتتا يەنە شېركىي كەنتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى. ئابدۇراخمان مەتتۇردىنىڭ 83 ياشلىق دادىسى مەتتۇردى سەيدى بولسا، كەنتنىڭ 30 يىللىق سابىق سېكرېتارى. ئاتا-بالا سېكرېتارلارنىڭ كومپارتىيە ئۈچۈن ئىشلىگەن 50 يىللىق خىزمىتىنىڭ يۈز خاتىرىسى 6 ئايلىق ھامىلىنى قەتلى قىلىنىشتىن ساقلاپ قېلىشقا يارىمىغان. ئەكسىچە، سابىق سېكرېتار سەكراتتىكى مەزگىلىدە ئۆز نەۋرىسىنىڭ ئۆزى خىزمەت قىلغان پارتىيە ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.
ئاتا سېكرېتارنىڭ بۇ پاجىئەدىن نېمىلەرنى ئويلىغانلىقى بىر سىر، ئەمما، بالا سېكرېتارنىڭ ئۆز ھېسسىياتلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.