كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا ھامىلە قەتلىئام قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايقالماقتا
2014.01.15
كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدا ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى يۈز بەرگەن ھامىلە قەتلىئام قىلىش ۋەقەسى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن ئىككى كۈن كېيىن خىتاي مەركىزى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باشلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھامىلە چۈشۈرگەن ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، كېرىيە ناھىيىلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىمۇ مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى يىغىن ئېچىپ، جان كىرىپ بولغان ھامىلىنى چۈشۈرمەسلىك، بۇنىڭ ئورنىغا 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەمما، مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدىكى بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ 7 ئايلىق ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن يەنە شۇ كېرىيەدىكى نۇرلۇق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، گەرچە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھامىلە چۈشۈرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن، كېرىيە ناھىيىلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇ ھەقتە يۇمشاتما بەلگىلىمە چىقارغان بولسىمۇ، كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا ھامىلە قەتلىئام قىلىشنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.