كېرىيەدە ھامىلىنى قەتلىئام قىلغان نۇرلۇق دوختۇرخانىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.01.17
Uyghur-ayalliri-bowaq-305.jpg 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 31 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻕ.
AFP Photo

كېرىيەدىكى نۇرلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە 6 ئايلىقتىن 9 ئايلىققا قەدەر بولغان 4 ھامىلىنى قەتلىئام قىلىشتەك ئېچىنىشلىق ۋەقە سادىر قىلغانلىقى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەزكۇر دوختۇرخانا ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە دوختۇرخانىدىكى بىمارلاردىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر دوختۇرخانا ئالدىنقى كۈنى سىيەك يېزىسىدىن ئەكېلىنگەن 7 ئايلىق ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىسىنى چۈشۈرۈشنى رەت قىلغان. بۇ دوختۇرخانا يەنە، بۇ بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن بالا چۈشۈرۈشكە كەلگەن ھامىلىدار ئاياللارنىمۇ قوبۇل قىلمىغان. تۈنۈگۈن خوتەن ۋىلايىتىدىن تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئالاقىدار خادىملار، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىگەن.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، كېرىيەدە ھامىلىنى قەتلىئام قىلىش ۋەقەسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە دوختۇرخانىنىڭ قىلمىشى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى بىر قىسىم بەلگىلىمىلەرگىمۇ خىلاپ. ئەمما خىتايدا قانۇنغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر يالغۇز بۇلا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىنى قەتلىئام قىلىشنى ئىجرا قىلغان بۇ دوختۇرخانىنىڭ ساھىبى خىتاي، بۇيرۇقنى چۈشۈرگەن يېزىلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارىمۇ خىتاي. شۇڭا گەرچە ئالاقىدار تارماقلار مەزكۇر دوختۇرخانا ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولسىمۇ، پاجىئەنى تۇغدۇرغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى، بولۇپمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تۆلەمگە ئېرىشىشى ئېھتىمالدىن يىراق كۆرۈنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.