غۇلجىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قاچقان پەيزۇللا ئۇتۇق يەكشەنبە كۈنى تۇتۇلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.04.02
Peyzulla-Utuq.JPG غۇلجىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قاچقان گۇماندار پەيزۇللا ئۇتۇق ھەققىدە خىتاي ساقچىلىرى چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقى.
RFA/Shohret Hoshur

27‏-مارت كۈنى غۇلجىدىكى بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قاچقان ۋە خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا ئېغىر پاتىپاراقچىلىق پەيدا قىلغان پەيزۇللا ئۇتۇق، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى، يەنى قېچىپ 6‏-كۈنى چۈشتە كۆكدالادىكى بىر مازارلىقتا تۇتۇلغان.

رادىيومىزغا يەتكۈزۈلگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پەيزۇللا ئۇتۇق ھەققىدە چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن قاچقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ دەل شۇ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە قاتناشقان بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئىگىلىشىچە، پەيزۇللا ئۇتۇق دوختۇرخانىدىن قېچىشتىن ئاۋۋال «تەربىيەلەش مەركىزى» دا 8 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىكەن.

ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى ناھىيەلەر، شەھەرلەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ھەرقايسى پولك مەيدانلىرىدا كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقان مەھكۇم پەيزۇللا ئۇتۇقنى تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىز مەزكۇر جايلاردىكى ساقچى ئورگانلىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىنىڭ پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ يۇرتى بولغان كۆكدالادا ئەڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، پەيزۇللا ئۇتۇقنى قوغلاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە كۆكدالا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش پولكلىرىنىڭ مەيدانلىرىدا 6 كۈندىن بېرى خىتاي ساقچىلىرىدىن باشقا، ئاممىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن. ئاياللار مەھەللە-كوي ۋە ئۆيلەرنى تەكشۈرگەن بولسا، ئەرلەر خىتاي ساقچىلىرىغا ماسلىشىپ، دۆڭلۈك، ئېتىز-ئېرىق، دەريا بويى ۋە زاراتگاھلىقلاردا ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان.

كۆكدالادىكى ئۆي ئاختۇرۇشتا ئاياللارغا يېتەكچىلىك قىلغان بىر مۇدىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى باشلىنىپ 6‏-كۈنى يەنى، ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى چۈشتە ئاخىرلاشقان. پەيزۇللا ئۇتۇق 64‏-پولكنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىكى بىر مازارلىقتا تۇتۇلغان.

تۇتۇش بۇيرۇقىدا «تەربىيەلەش لاگېرى» ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن. ئۇنىڭ پەقەت 10 كۈنچە ئاۋۋال بىر ئىجتىمائىي جىنايەت سادىر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ۋەقەدە رادىيومىزغا ئەڭ دەسلەپتە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى پەيزۇللا ئۇتۇقنى قاچتى دېيىلگەن 66‏-پولك دوختۇرخانىسىنىڭ نۆۋەتتە «تەربىيەلەش لاگېرى» سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە ئاكتىپلىق بىلەن قېتىلغان ۋە ئىككى كېچە بىر دۆڭدە قاراۋۇللۇق قىلغان بىر ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، پەيزۇللا ئۇتۇق، 66‏-پولكتىكى دوختۇرخانىدىن قېچىشتىن ئاۋۋال بىر مەھەل «تەربىيەلەش» تە تۇتۇپ تۇرۇلغان. بىر كومپارتىيە ئەزاسى بولغان ئايال مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، پەيزۇللا ئۇتۇق دوختۇرخانىدىن قېچىشتىن ئاۋۋال «تەربىيەلەش مەركىزى» دە 8 ئاي «تەربىيە» دە بولغان.

پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ قورغاس ناھىيەسىگە قاراشلىق لەيسەنگۇڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدا بىر ناۋايخانىدا نان سېتىۋېلىۋاتقاندا تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارمۇ بار. ئەمما تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىدە 6 كۈن ۋەزىپە ئورۇندىغان ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، پەيزۇللا كۆكدالادىكى بىر مازارلىقتا تۇتۇلغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر، پەيزۇللا ئۇتۇق تۇتۇلغان مازارلىقنىڭ چىلپەنمازار دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، بۇ مازارلىقنىڭ پەيزۇللا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن 64‏-پولك 14‏- روتىدىن 4 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، پەيزۇللا ئۇتۇقنى تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى داۋامىدا 61‏-پولكنىڭ 4‏-روتىسىدىنلا 11 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ قانچە كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. پەيزۇللا ئۇتۇق ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىدا ئۇنىڭ 64-پولك دوختۇرخانىسىدىن ساپماكەش بىلەن قاچقانلىقى ۋە ئۈستىدە بىمار كىيىمى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەنە شۇ كۆكدالادىكى مازارلىققىچە بولغان 60-70 كىلومېتىر مۇساپىنى قانداق باسقانلىقى، 6 كېچىنى قەيەرلەردە ئۆتكۈزگەنلىكىمۇ ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.