پەيزۇللا ئۇتۇق «تەربىيەلەش لاگېرى» دىن قاچقاندا يارىدار ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.04.03
yallanma-saqchi-bazar-tomur-kaltek.jpg قوراللانغان ياللانما ساقچىلارنىڭ كوچا چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 3-نويابىر، خوتەن.
AP Photo/Ng Han Guan

«تەربىيەلەش لاگېرى» دىن قاچقان پەيزۇللا ئۇتۇق ھەققىدە رادىيومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى، غۇلجىدا ساقچىلار گۇمانلىق كىشىلەرنى تەكشۈرگەن چاغدا ياقىسىنى قايرىپ بوينىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بەزى ئاھالىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ قاچقۇننىڭ بوينىدا پىچاق ئىزى بارلىقى ھەققىدە خەۋەرلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. مەزكۇر تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە قاتناشقان ساقچى خادىمى پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ دوختۇرخانىغا ئەكېلىنىشتىن بۇرۇن «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى، دوختۇرخانىدىن قاچقاندا بوينىدىن يارىدار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

27-مارت كۈنى غۇلجىدا «تەربىيەلەش لاگېرى» دىن قاچقان ۋە 1-ئاپرېل كۈنى كۆكدالادا بىر مازارلىقتا تۇتۇلغان پەيزۇللا ئۇتۇق ھەققىدىكى بىر قاتار ئۇچۇرلار ئارىسىدا دىققەتكە ئەڭ سازاۋىرى، ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن يارىدار ھالەتتە قاچقانلىقىدۇر. گەرچە خىتاينىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدا بۇ نۇقتا تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى، پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ بوينىدا پىچاق ئىزى بارلىقىنى ۋە ساقچىلارنىڭ يول تەكشۈرگەندە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ بوينىنى ئالاھىدە تەكشۈرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

شۇڭا بىز پەيزۇللا ئۇتۇق تۇتۇلغاندىن كېيىنكى ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئالاقىدار خادىملاردىن مەلۇمات سورىدۇق. خادىملار پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ دوختۇرخانىدىن يارىدار ھالەتتە قاچقانلىقىنى يوشۇرمىدى. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرى» دا يۈز بەرگەن بىر قورقۇنچلۇق ۋەقەدىن ئامان قالغانلىقى ياكى شۇنداق بىر ۋەقەدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قاچقانلىقى پەرەز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىز بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوپېراتسىيەگە قاتناشقان ساقچى خادىمىدىن، پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ قېچىش سەۋەبى ۋە مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى، ئەمما گۇماندارنىڭ ئەھۋالىدىن بەك تەپسىلىي مەلۇماتىنى يوقلۇقىنى، پەقەت پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ بوينىدا بىر تاتۇق بارلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى خادىمى، سىياسىي كۆزەتكۈچى يولۋاس ئەپەندى، خەۋەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ باش ئاخىرىغا ئاساسەن، پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرى» دىن قېچىش ئۈچۈن تىغلىق ئەسۋاب بىلەن ئۆزىنى جاراھەتلەندۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئەكېلىنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولۋاس ئەپەندى يەنە پەيزۇللانىڭ ئائىلىسى ھەققىدە ئالغان بىر ئەنسىز ئۇچۇرنىڭ ئۇنى مۇشۇنداق تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا مەجبۇرلۇق ئېھتىمالىنىمۇ تىلغا ئالدى.

يولۋاس ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە يېپىق لاگېرلاردا ھەرخىل سۇيىقەست ياكى پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا پەيزۇللانىڭ كانىيىنى ئۆزى زەخىملىگەن ئەمەس، زەخىملەندۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى ۋە شۇ پاجىئەدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن لاگېر ياكى دوختۇرخانىدىن قاچقانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدا پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرى» دىن قاچقاندا بوينىدىن يارىدار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.