قاراقاشنىڭ ماڭلاي يېزىسىدا 20 پىرسەنت نوپۇسنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.06.19
yepiq-terbiyelesh-lagiri-yeqindin-tartilghan-xerite-3.jpg كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىسى، جاڭ شاۋ ئىسىملىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۋىتېردا قەشقەر كونا شەھەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرى دەپ كۆرسەتكەن خەرىتىسى.
Social Media/Shown Zhang

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدە ئېلىپ بارغان بۈگۈنكى ئېنىقلىشى داۋامىدا قاراقاش ناھىيىسىنىڭ 24 مىڭ نوپۇسلۇق ماڭلاي يېزىسىدا تەخمىنەن 20 نوپۇسنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ماڭلاي يېزىسىدىن توپلانغانلار قاراقاش ناھىيىسىنىڭ بوستانكۆل ۋە پويىز ئىستانسىسى تەربىيىلەش لاگېرىغا ئەكېتىلگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتايچە بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىسى 15 كەنت، 72 مەھەللە، 5265 ئائىلە ۋە 21137 نوپۇستىن تەشكىللەنگەن. ماڭلاي يېزىسىدىكى خىتاي ئاھالىسىنىڭ سانى پەقەت 21 نەپەر بولۇپ، بۇ قاراقاشتىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئاياق باسالمىغان، نوپۇسنىڭ 99. 9 پىرسەنتى ئۇيغۇر بولغان يېزىلاردىن بىرىدۇر. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش «يېپىق تەربىيە» دولقۇنىنىڭ مانا مۇشۇنداق ساپ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا شىددەت بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئالدىنقى كۈنىدىكى ئېنىقلىشىمىزدا قاراقاش ناھىيە بازىرىدىكى يېڭىشەھەر كەنتىدە نوپۇسنىڭ 40 پىرسەنتىنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا قاراقاش ناھىيە بازىرىدىن 5 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتا بولغان ۋە بازارنىڭ غەربى تەرىپىگە توغرا كەلگەن ماڭلاي يېزىسىدا نۆۋەتتە 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، «يىغىۋېلىش لاگېرى» ئۈچۈن توپلانغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ لاگېرغا ئاپىرىلىشتىن بۇرۇن، بەزلىرىنىڭ بولسا لاگېرغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، ئۈستىدىن جىنايى ھۆكۈم چىقىرىلىپ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. ماڭلاي يېزىسىدىمۇ 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. ماڭلاي يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى بۇ يېزا بويىچە كېسىلگەن ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ 20 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ ئارقىدىن 20 پىرسەنتنىڭ قانچە پىرسەنتىنىڭ لاگېردا، قانچە پىرسەنتىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىش نىيىتىدىن ۋاز كەچتى. 

بىز ساقچى خادىملىرى بىلەن سۆزلىشىش داۋامىدا «يىغىۋېلىش لاگېرى» غا ئاپىرىلىۋاتقانلارنىڭ قانداق بىر سەۋەب ۋە قانداق تەرتىپ بىلەن ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. سەۋەب ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن بۇ ساقچى خادىمى ئېلىپ كېتىلىش تەرتىپى ھەققىدە بىر قىسمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن چۈشكەن تىزىملىككە ئاساسەن، يەنە بىر قىسىمنىڭ كەنت مۇدىرلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى يەنە ماڭلاي يېزىسىدىن توپلانغانلارنىڭ ئاساسلىقى قاراقاش ناھىيە بازىرىدىكى «بوستانكۆل تەربىيىلەش مەركىزى» بىلەن «پويىز ئىستانسىسى تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە «پويىز ئىستانسىسى تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ بىر قەۋەتلىك، «بوستانكۆل تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ بولسا 5 قەۋەتلىك بىر بىنا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.