قەشقەر چاسا باشقارما تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن بىر قانلىق ۋەقە يوشۇرۇلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.09.12
qeshqer-saqchi-herbiy-uyghur-qarshiliq.jpg كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-مارت، قەشقەر.
Imaginechina


ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پاش قىلىنىشىچە، 28 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى قەشقەردە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە بىر خەۋەر بەرگەن، ئەمما ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا خەۋەر توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېنىقلاشلارنى ئېلىپ باردى. نەتىجىدە ۋەقەنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى 1 - ساقچىخانا تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

بۇ ۋەقەنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان مەزكۇر ساقچىخانا خادىملىرى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە تەپسىلاتنىڭ يۇقىرى ئورگانلاردىن سورىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. مەلۇمكى بۇ، خىتاي تەرەپنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنى تۇنجى قېتىم يوشۇرۇشى ئەمەس.

بىز ئالدى بىلەن قەشقەر شەھىرىدىكى مەلۇم ئىدارىنىڭ مۇقىملىققا مەسئۇل خادىمى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتۇق. خادىم، سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئۆزىنىڭ يەكەن ۋەقەسى ۋە جۈمە تاھىر ۋەقەسىدىن باشقا يېڭى ۋەقەلەردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئارقىدىن، قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمزنى ئالغان ساقچى خادىمى ۋەقەنىڭ 1 - ساقچىخانا تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەنلىكىنى پاش قىلدى. تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن خىتاي خادىممۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلمىدى. ئۇ ۋەقەنىڭ نېمە ۋەقە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، « توغرا چۈشىنىڭ، جاۋاب بېرەلمەيمەن» دېدى. بىز ئارقىدىن ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلۈپ، قانچە كىشى يارىلانغانلىقىنى سورىدۇق؛ خادىم بۇ سوئالغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئارقىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننى سورىدۇق، ئۇ بۇ سوئالىمىزغا «بۇنىڭغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيمە»" دېدى. ئۇ ھېچبىر جاۋابىدا «بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرمىدى» دېيەلمىدى، ئەكسىچە، ۋەقە ھەققىدە يۇقىرى ئورگانلاردىن، جۈملىدىن قوماندانلىق مەركىزىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئاخىرىدا، ئۇنىڭدىن ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكى ياكى جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز يەنە بىر قاتار تېلېفون زىيارەتلىرى ئارقىلىق، 1 - ساقچىخانا تەۋەلىكىنىڭ شەھەرنىڭ چاسا كوچا باشقارما ئاھالىلەر كومىتېتى ئىكەنلىكى، ۋەقەنىڭ ھەزرەت يولىدا يۈز بەرگەنلىكى ئېنىقلاندى. ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانمىدى. مەلۇمكى بۇ خىتاي تەرەپنىڭ رايوندا يۇز بەرگەن قانللىق ۋەقەلەرنى تۇنجى قېتىم يوشۇرۇشى ئەمەس. تېخى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا قەشقەر ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن 18 - 17 ياشلىق ئىككى نەپەر ياشنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسىمۇ ئاخباراتتىن يوشۇرۇلغان، ئەمما مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئېلان قىلغان سوت خەۋەرلىرىدە مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلار تىلغا ئېلىنغان. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى بىر سۇ پونكىتىنىڭ خادىمى 44 ياشلىق غەيرەت ئابلكىم، 1 - مارت كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن ئىلھاملىنىپ، شەھەردىكى خىتاي ئاھالىلەر قورۇسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم ئېلىپ بارغان، ھۇجۇمدا بىر خىتاي كۆچمەن ئۆلگەن، يەنە بىرى يارىلانغان. ھۇجۇمچى غەيرەت ئابلىكىم، 6 - مارت كۈنى ئەسىر چۈشكەن. بۇ ۋەقەمۇ ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتكەندە بەيدۇ قاتارلىق خىتاي غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئاشكارىلانغان.

http://tieba.baidu.com/p/2906035982

http://www.myactimes.com/actimes/plus/view.php?aid=726625

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.