0:00 / 0:00
8-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 200 دەك كىشى ئالامىدىن1 مىكرا رايونىدىكى كۇلۇبقا يىغىلىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر پائالىيەتتە، ئالدى بىلەن شېھىتلار روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، سۆزگە چىققان ئاقساقاللار كېڭىشى ئەزاسى شەمشىدىن ئابدۇرېھىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ھەمدە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.