خىتاينىڭ بۆرتالا ساقچىلىرى، رابىخان مۇسا ئانىنىڭ شىكايەت ۋە مۇراجىتىدىن بىئارام بولۇشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.09.26
rabiyxan-musa-ana-1.jpg 5 يىلدىن بېرى دىدارىنى كۆرمىگەن كەنجى ئوغلى قۇربانجاننى كۆرۈشكە تەشنا بولغان رابىيخان ئانا.
RFA/Shohret Hoshur


پاسپورتى تارتىۋېلىنغان بۆرتالالىق رابىخان مۇسا ئانا ئىككى ھەپتىدىن بېرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئوغلىنى كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ توسقۇنلۇق ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان ۋە دۇنيا جامائىتىدىن ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى دەردىگە دەرمان بولۇشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى رابىخان ئانىنىڭ دۇنياغا تارقالغان بۇ ئاۋازىغا دەسلەپكى 10 كۈندە قۇلاق يوپۇرۇپ باققان بولسىمۇ، ئاخىرى بىئارام بولۇشقا باشلىغان. رابىخان ئانىنىڭ دېيىشىچە، ساقچىلار 4 كۈننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاخبارات زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە يوشۇرۇن ئاگاھلاندۇرغان، بۈگۈن بىر نەپەر ساقچى ئۇنى ئۆيىگە ئىزدەپ كېلىپ پاسپورتى ھەققىدىكى ئەرز - شىكايىتىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆزىنىڭ رابىخان ئانىنىڭ پاسپورتىنىڭ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تۆۋەندە مۇخبرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار يۇقۇرىدا ئاڭلىغىنىڭلار، رابىخان مۇسا ئانا بىلەن 4 كۈننىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىز، تۆۋەندە بۈگۈنكى سۆھبەت خاتىرىمىز دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقارقىلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ بۆرتالادىكى ساقچىلىرى رابىخان مۇسا ئانىنىڭ پاسپورت ھەققىدىكى ئەرز - شىكايەتلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشتا تېڭىرقىماقتا. بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ رابىخان ئانىغا پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەت ئالدىدىكى سەتچىلىكتىن ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى پەرەز قىلسا، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 82 ياشلىق رابىخان ئانىغا قارىتا زوراۋانلىقىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.