رابىيە قادىر: ئۇيغۇرۇم ماتەم كۈنىنى بايرامغا، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ!

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار 30 كۈن رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بۇ كۈنلەردە روزا ھېيت بىلەن تەڭ يەنە مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە ھېس-تۇيغۇلار ئىچىدە، بۇنىڭدىن 7 يىل ئاۋۋال ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5- ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە كۈنلىرىنى بىللە كۈتۈۋالدى.

بۈگۈنكىدەك ئايەم كۈنلىرىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىر تەرەپتىن ھېيت تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەنئەنىۋى پائالىيىتىگە ئايلانغان «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئېلىپ بارماقتا.

جۈملىدىن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «5- ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 7 يىللىق خاتىرىسىگە ۋە روزا ھېيت ھۆرمىتىگە بېغىشلاپ سۆز قىلدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سۆھبىتىدىن ئاڭلايسىلەر.