د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيەدە ئىككى چوڭ مۇراسىمغا قاتناشتى
2016.11.21

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى رافتو فوندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيەنىڭ بېرگىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇراسىمغا 30 يىلدىن بېرى ياۋروپادىكى ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن نوبېل مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ بار ئىكەن. مۇراسىمغا نورۋېگىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.
بۇ مۇراسىمدا 2016-يىللىق رافتو ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى ئىراقلىق تۈركمەن پائالىيەتچى يانار مۇھەممەت خانىمغا بېرىلگەن. مۇراسىم ئاخىرىدا يانار مۇھەممەت خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە سالام يوللىغان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نورۋېگىيەنىڭ بېرگىن شەھىرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۆمەر قانات ئەپەندى رابىيە خانىمنىڭ نورۋېگىيەنىڭ بەرگىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى مۇھىم پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە 17-نويابىر كۈنى كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۆمەر قانات ئەپەندى 2016-يىللىق رافتو ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يانار مۇھەممەت خانىمنىڭ ئىراقتىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان مۇھىم بىر پائالىيەتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى 20-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش شۇنداقلا رافتو ۋەخپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا نورۋېگىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، مۇراسىم جەريانىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆمەر قانات ئەپەندى مۇراسىم جەريانىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ژۇرنالىستلار بىلەنمۇ ئۇچراشقانلىقىنى بايان قىلدى.
رافتو فوندى 1986-يىلى قۇرۇلغان ياۋروپادىكى ئابرۇيلۇق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولۇپ، 2004-يىلى رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىكى چاغدا ئۇنىڭغا رافتو ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى بېرىلگەن ئىدى. مەزكۇر مۇكاپات رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن.