رابىيە قادىر خانىم: يېڭى يىلدا شېھىد ۋە مەھبۇس ئائىلىرىنىڭ يېتىم قالدۇرۇلماسلىقىنى تەكىتلەيمەن
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.12.31
2015.12.31

2016-يىلنىڭ كىرىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرىمىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن يېڭى يىل سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتە ئۆتكەن بىر يىلدا يۈز بەرگەن ئىككى چوڭ ۋەقە ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن رابىيە خانىم، بۇ بىر يىلنىمۇ ئۆتكەن يىللارغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۆكسۈمىگەن بىر يىل بولدى، دەپ خۇلاسىلىدى.
ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى بىر يىلىغا تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلىگەن رابىيە خانىم خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى تېخىمۇ غەيرەتلىك بولۇشقا ۋە كۆپچىلىكنى ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ ۋە ئۇلارنى يېتىم قالدۇرماسلىققا دەۋەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ تەييارلىشىدىكى بۇ سۆھبەت خاتىرىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.